
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق كۈرەش تارىخى مول ئۆچمەس بەتلەر بىلەن پۈتۈلۈپلا قالماستىن بەلكى، مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان قۇربانلارنىڭ ئاققۇزغان ئىسسىق قانلىرى ، ئۇلارنىڭ ئازادلىق، ئەركىنلىك دەپ توۋلىغان خىتاپلىرى ھەم نىدالىرى بىلەن تولغان. ئەنە شۇ خىتابلار ۋە نىدالار ئۇيغۇرلارغا ئۆز كېلەچىكىگە نىسبەتەن ئۈمىد ۋە ئىشەنچ روھى ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ روھنى كۈچەيتكەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۈزلىگەن مىللىي قەھرىمانلىرى، دىنىي ۋە مىللىي ئەربابلىرى ھەم پىداكار ئەزىمەتلىرىنىڭ قاتارىدىن يالقۇنلۇق كومپوزىتور، ئوت يۈرەك ناخشىچى كۈرەش كۈسەنمۇ ئورۇن ئالدى. 29- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكار پەرزەنتى كۈرەش كۈسەننىڭ يالقۇنلۇق يۈرىكى سوقۇشتىن توختىدى.
كۈرەش كۈسەن 1959-يىلى، ئۈرۈمچىدە مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيسى سۇلتان ماخمۇت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن كۇچارغا سۈرگۈن قىلىنىپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. كۈرەش كۈسەن ئىلگىرى كېيىن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىدە ۋە تەرجىمانلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىدا ئوقۇغان ھەمدە كومپوزىتورلۇقتا تۆت يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، كۆپ قىرلىق سەنئەتكار بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن 90-يىللاردا سەنئەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئويۇن قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىككە ئۈندەيدىغان ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، زىل-زىلە پەيدا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلەپ قويۇلغان ئىدى.
كۈرەش كۈسەن، 1996-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ، ئالدى بىلەن تۈركىيىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستانغا كەلگەن ھەمدە 1999-يىلى شۋېتسىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن بۇ جەرياندا 5 قىسىملىق "ئويغان تۈركىستان" ناملىق CD پىلاستىنكىسى ۋە "كۇچار ناخشىلىرى"، " ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى" ناملىق پىلاستىنكىلىرىنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
مەرھۇم كۈرەش ئەپەندى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى، شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ 2005 – يىلى 30 – دېكابىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا لېنتىغا ئېلىنغان ناخشا مۇزىكىلىرىدىن:
ئاتۇش بۇلبۇلۇم سايراڭ دەپتىم ئەرزىم دادەي گۇلايىم گۈلمەرەم ھارۋىكەش ناخشىسى ئۆزھال مۇقامىدىن ئارىيە سالام دەڭلار يەرنى ساتماڭلار