ئۆمۈر بويى ئەركىنلىك ئىزلىگەن يازغۇچى ليۇ بىڭيەن ھەققىدە ئەسلىمىلەر


2005.12.14

liuby.jpg
مەرھۇم ليۇ بىڭيەن ئەپەندى. RFA

80 - يىللاردا خىتايدىكى ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ مەشئەلچلىرىنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان، ئۆمۈر بويى يازغان ئەسەرلىرىگە ئاساسەن خىتايدىكى ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ باھا بېرىلگەن ليۇ بىڭيەن ئەپەندى 2005 -يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 80 يېشىدا ئامېرىكىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇجېرزى شىتاتىدىكى پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇنىڭغا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇشۇ كۈنلەردە، چەتئەللەردىكى خىتايچە ئەركىن مەتبۇئاتلاردا سۈرگۈندىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ليۇ بىڭيەن ئەپەندى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغىگە چېتىلىدىغان مەتبۇئاتلار يەنىلا ليۇبىڭيەن ھەققىدكى ئۇچۇرلارنى بۇرۇنقىدەكلا چەكلىدى.

ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەرباب

"يېڭى ئەسر 'ئۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان ئەسلىمىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ليۇ بىڭيەن ئەپەندى 40 يىللاردا ( 20 يېشىدىلا ) خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ گېزىت -ئاخباراتلىرىدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلەشكە باشلىغان پېشقەدەم ئەرباپ. 1957 - يىلى ئۇنىڭغا 'ئوڭچى' دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلگەن. 80 - يىللاردا خۇياۋباڭ ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 87 - يىلى دېڭ شاۋپىڭ يەنە 'بۇرجۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈش' كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ۋاڭ روۋاڭ، فاڭ لىزىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىدلەپ، پارتىيىدىن چىقىرىۋەتكەن. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيا شىتاتىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىمۇ ليۇبىڭيەن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرى كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىت قىلىنغانلىقىنى 'بۇرجۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش' دېگەن سىياسى ھەرىكەتتە، ئۈرۈمچىدە باشقىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ ئۇقۇغان 'ئىچكى قىسىمدا پايدىلىنىدىغان ماتېرىياللار' دەپ ئاتىلىدىغان ماتېرىياللاردا كۆرگەن.

يەنە بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، 1990 - يىلى ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان 'تەڭرىتاغ' ژۇرنىلىنىڭ 1 - سانى ، ليۇبىڭيەن ئەپەندىنىڭ بىر ئەسىرى ئۇنىڭدا بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن "ئېقىمغا قارشى ئەسەر" دەپ ئەيىبلىنىپ، تارقىتىلىشتىن بۇرۇن چەكلىگەن.

ئەسلىمىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ليۇ بىڭيەن ئەپەندى ئۆمرىدە ماۋ زېدوڭغا خۇشامەت قىلىپ باقمىغان. 1979 - يىلى دېڭ شاۋپىڭ خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بارغان يىللاردىمۇ "ئادەم بىلەن ئالۋاستى ئوتتۇرىسىدا" دېگەن ئەسەرنى يازغان. "دۇنيا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" ليۇ بىڭيەن ئەپەندىنى خىتايدىكى ۋىجدانلىق كىشىلەر دەپ مەدھىيىلىدى.

چەتئەللەردە تۇرىۋاتقان خىتاي زىيالىيلىرى ليۇ بىڭيەن ئەپەندى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئەسلىمىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ليۇ بىڭيەن ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىدى.

كوممۇنىست پارتىيىسى "4 - ئىيۇن ۋەقەسى" نى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، ليۇبىڭيەن ئەپەندى ۋەتەنگە قايتىپ كېتەلمىدى. ئۇ 1988 - يىلى ئۈچەي راكى بىلەن ئاغرىغاندىن كېيىن، ئۇ جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋلارغا خەت يېزىپ ۋەتەنگە قايتىپ بېرىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، 10 نەچچە يىلغىچە ئۇلاردىن رۇخسەت ئالالمىغان. شۇڭلاشقا بەزى يازغۇچىلار ليۇ بىڭيەننى ئەسلەش ئۈچۈن "مەن يۇرتۇمغا قايتىمەن!" دېگەن تېمىلاردا ھاياجانلىنىپ ماقالە يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

مەرھۇم ۋەتىنىگە قايتىش ئارزۇسى بىلەن كەتتى

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنى توپقا تۇتايلى" دەپ ئوبزور يازغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسورلىقتىن قالدۇرۇلغان، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان جاۋ گوبياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازدى. ـــ مەن ليۇبىڭيەن ئەپەندىنى ئەسلەپ ماقالە يېزىشنى ئويلىمىغان ئىدىم، ــ دەپ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تۇيغۇلۇق بايانىنى باشلايدۇ جاۋ گو بياۋ ئەپەندى، ــــ بىرىنچىدىن مەن ليۇ بىڭيەن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇمىغان؛ ئىككىنچىدىن، مەن بۇ نامى ئۇلۇق ئەربابنى زىيارەت قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئەمما ھازىر مەن بىر ماقالە يېزىش قارارىغا كەلدىم. ليۇ بىڭيەن ئەپەندىنىڭ خانىمى "مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا جاڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جاباۋلارغا خەت يېزىپ، ۋەتەنگە قايتىپ بېرىپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، ئاخىر ئۇلارنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشەلمەي ئارماندا كەتتى" دېگەن سۆز مىنىڭ تەپەككۇرۇمنى زىل -زىلىگە كەلتۈردى. شۇڭا مەن ليۇ بىڭيەن ئەپەندىنىڭ ئارماندا كەتكەنلىكىگە ئېچىنىپ، ئۇنى ئەسلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، "ئۆز ۋەتىنىمگە قايتىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلمىدى" دەپ زارلىنىۋاتقان زىيالىيلارغا بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلغۇم كەلدى، ــ جاۋگوبياۋ ئەپەندى بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ، ـــ ئامېرىكىدا ئاق سارايدىكى خاۋازىلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ بىركىم خەت يازسا، شۇنىڭغىمۇ جاۋاپ خەت يېزىلماي قالمايدىكەن. ليۇ بىڭيەن ئەپەندى خىزمەت ئىستاجى جەھەتتىن جاڭ، خۇ، ۋېنلاردىن يۇقۇرى، ياشتىمۇ مۇقامى ئۇلاردىن ئۈستۈن، ئەمما تېخىچە جاڭ، خۇ دېگەن كىشىلەردە ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەدەنىيەت، پەزىلەت دېگەن نەرسە يوقلىقىنى چۈشەنمىگەنگە ئېچىندىم. "ۋەتەن" دە ھەر كىمنىڭ بىر ئۈلۈش ھەققى بار. جاڭ، خۇلارغىلا مەنسۇپ ئەمەس، ۋەتەننى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز گۈللەندۈرگەن، دۇنيادا "ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىش" دەيدىغان قانۇنمۇ يوق. يېلىنىپ ئىلتىماس قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى بار ؟ ئۆزەڭنىڭ ۋەتىنىنى بىركىمگە سېتىۋەتمىگەن بولساڭ، چەتئەللەردە تۇرۇپ قېلىشنى خالىمىساڭ، ئۆز ۋەتىنىڭگە كەت. چېگرىدىن كىرگۈزمەيدۇ دەپ ئويلىساڭ ، ئەجدىھا باشلىق ھاسىدىن بىرنى ئۇنىڭغا ئورنىتىدىغان ئۆتكۈز ياكى قاتتىق نەرسە بىلەن قوشۇپ سېتىۋېلىپ ماڭ، بۇنداق نەرسىلەرنى چەتئەللەردە خىتاي بازىرىدا ساتىدۇ. ۋەتەننىڭ ئايرودرومىغا بارغاندا بىرگەپ بولىدۇ. سىنى ئۆز ئانا ۋەتىنىگە كىرگۈزمىگەن ئادەمنى يەتمىش پۇشتىغىچە تىللا، ھاساڭ بىلەن نوقۇ! سەن قورقىۋەرسەڭ ئۇلار ھاكاۋۇرلىقىنى تاشلىمايدۇ. تەڭرى بەرگەن جاننى، ھوقۇقنى ئۆزەڭ قولۇڭدا تۇت، ئۇنى قوغداشنى بىركىمدىن تىلىمەي، ئۆزەڭ قوغدا، ھوقۇق ئۆزەڭدە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.