خىتايدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى 20 يىل ئىچىدە 25 ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى

2006-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"شياۋ كاڭ" ژۇرنىلىدا بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇندىن 20 يىل ئىلگىرى خىتايدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى 200 يۈەن بولۇپ، ھازىر ئورتا ھېسابتا يىلىغا 5000 يۈەندىن توغرا كەلگەن. 1994 ‏- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە، خەلقنىڭ يىللىق كىرىمى 4 ھەسسە ئۆرلىگەن بولسا، ئوقۇش ھەققىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلاپ كەتكەن. بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قاتتىق بېشىنى قاتۇرغان بولۇپ بېيجىڭدا ئېچىلغان 2006 ‏- يىللىق خەلق قۇرۇلتىيىدا، خىتايدىكى مائارىپ ھەققىنىڭ ھەدىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئۇنى تۆلەشكە قۇدرىتى يەتمەيۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

"شياۋكاڭ" جۇرنىلىدا بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى مائارىپ خىراجىتى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 33% نى شۇنداقلا شەھەرلىكلەرنىڭ ئائىلە كىرىمىنىڭ 26 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. لېكىن تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە بولسا، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىنغان. مەسىلەن، ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى خەلق كىرىمىنىڭ 6 دىن 1 قىسمىنى، ئەنگىلىيىدە 10 دىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. گېرمانىيىدە بولسا، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز، ھەتتا سوتسىيالىستىك دۆلەت دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان كۇبا ۋە شىمالىي كورىيىدىمۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن.

ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى يېتەرسىز

يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ باۋچىن "نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىي يىلدىن ‏- يىلغا ئۆرلەپ كېتىۋاتىدۇ" دېگەن بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، "مائارىپ تەرەققىياتىغا زور تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغىنىڭ يېتەرسىز بولۇۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقى " دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ دالىي ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سېلىۋاتقان مەبلىغى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ھەق ئالىدۇ، شۇڭا نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشى ناھايىتى نورمال بىر ئىش بولۇپ قالغان. چەتئەللەردە بولسا نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ھەقسىز مەكتەپلەر بار. لېكىن خىتايدا تېخى بۇنداق شارائىت ھازىرلانمىدى. ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق ھالدا ئوقۇش پۇلى يىغىشى خاتا ئەمەس. لېكىن بىر قىسىم مەكتەپلەر دائىرىسىنى كېڭەيتگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى بېسىمى ئېغىر بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت بەرگەن پۇلنى يەتكۈزۈلمىگەنلىكتىن، ئاتا‏ ‏-ئانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ".

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سىدىقھاجى ئەپەندى يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە، خىتايدىكى مائارىپ خىراجىتىنىڭ 25 ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تەبىئىي ئىش ئىكەنلىكىنى، ھازىر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چەتئەل مەبلىغىغا تايىنىپ قالغانلىقىنى، خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىگ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تەبىئىي ھالدا مائارىپ چىقىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مائارىپنى پۇل تېپىش قۇرالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئىنتايىن خاتا بىر ئىش

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپقا سالغان مەبلىغى پەقەت تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭكىدىنلا ئەمەس، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭكىدىمۇ تۆۋەن بولغان. ھەتتا ئوگاندا قاتارلىق نامرات دۆلەتلەرنىڭمۇ ئارقىدا قالغان. ئامېرىكا ئىنتېرنېت ژۇرنىلىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى ۋۇ فەن ئەپەندى خىتاي مائارىپىنىڭ كۈنسېرى بازارلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"مائارىپنى بازارلاشتۇرۇپ، ئۇنى پۇل تېپىش قۇرالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئىنتايىن خاتا بىر ئىش، بۇنداق قىلىشقا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. مائارىپ ئاممىۋىي بىر ئىش. ئۇ پۈتۈن جەمئىيەت، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ئادەم يارىتىپ بېرىدىغان ھالقىلىق ئورۇن. ھۆكۈمەت كۈچىنىڭ بېرىچە ئالدى بىلەن مائارىپقا ئايىماي مەبلەغ سېلىشى كېرەك. ئۆزى يىتەرلىك مەبلەغ سالماي، پۇقرالاردىن پۇل يىغىش ئارقىلىق مائارىپنى تەرەققي قىلدۇرۇش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھازىر بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 40 ‏- 50 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىنىدۇ. بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ جىق كېتىشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خەلقنىڭ قان تەرى بىلەن يىغىلغان پۇلغا قىلچە تەپ تارتماستىن خىيانەت قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇ پۇلنىڭ ئازراق قىسمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاتاپ، ئۇلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇش ياكى ئۇلارغا قەرز بېرىشكە تىرىشمايدۇ ".

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر خىتايدا مائارىپقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ يېتەرسىز بۆلۈۋاتقانلىقىدىن سىرت يەنە، مەمۇرىي ئورۇنلار مائارىپ ھەققىگە خىيانەت قىلىدىغان ياكى ئۇنى باشقا جايغا ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. خىتايدىكى مائارىپنىڭ نورمال تەرەققي قىلىشى ئۈچۈن يىلىغا ئاز دېگەندە 400 مىليارد يۇئەن پۇل سەرپ قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر مائارىپقا سېلىۋاتقان مەبلىغى پەقەت 80 مىليارد يۈەن بولۇپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بانكىدىن ئالغان قەرزىنىڭ ئۆزى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت