"ماخمۇد قەشقىرى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تىلى، ئەدىبىياتى، مەدىنىيىتى ۋە تارىخىي"

0:00 / 0:00

يېقىندا قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەكتىكى ئاتا-تۈرك ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسىتىتىدا "ماخمۇد قەشقىرى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تىلى، ئەدىبىياتى، مەدىنىيىتى ۋە تارىخىي،" دىگەن تېمىدا خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئىشبىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى بىلەن قىرغىزىستان مەدىنىيەت مىنىستىرلىكى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا ماخمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركىي خەلقلەر مەدىنىيىتى، تىلى ۋە ئەدىبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئوينىغان رولى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا بەزى ئالىملار ماخمۇد قەشقىرىنى تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق بولغان بىر ئىسىم، دەپ كۆرسەتتى.

يۇقۇردىكى ئۇلانمىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ يىغىن توغرىسىدىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلاڭ.