خىتاي- رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى كىمگە قارىتىلدى؟
2005.10.04

"تىنچلىق ۋەزىپىسى- 2005" دەپ ئاتالغان خىتاي- رۇسىيىنىڭ تۈنجى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 8 - ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونى ۋە خىتاينىڭ شەندۇڭ يېرىم ئارىلى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىردا، خىتاي ۋە رۇسىيە بىر قىسىم ئىلغار تىپتىكى قورال - ياراقلىرىنى ئىشقا سالغاندىن سىرت، مانېۋىرغا يەنە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ، ھاۋا ئارمىيە ۋە دېڭىز قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلار قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 1800 ئى رۇسىيىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. ئىككى دۆلەت يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈزەتكۈچى دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى مانېۋىرنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.
نىشان يەنىلا ئامېرىكا
ئۇنداقتا، بۇ قېتىمقى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى زادى كىمگە قارىتىلدى؟ مىراس فوندى جەمئىيىتىدە بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىككى دۆلەت بۇ قېتىمقى " تىنچلىق ۋەزىپە -2005" ھەربىي مانېۋىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئامېرىكىغا كۆز- كۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇشىغا تەخىر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
يىغىننىڭ رىياسەتچىسى بولغان ئامېرىكا مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئارىيال كوخەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنتايىن روشەنكى ،خىتاي- رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئامېرىكىنى نىشان قىلغان. ئەمما نۆۋەتتە رۇسىيە، خىتاي- رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە پاسسىپ ھالەتتە بولۇپ، ئەگەر رۇسىيە داۋاملىق تۈردە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرىدىغان يولنى تاللىسا، ئۇ ھالدا موسكۋا ئاخىرى ئۆز بېشىنى يەيدۇ. كوخەننىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتى ئەمەلىيەتتە خىتايدىن كېلىدىغان يوشۇرۇن تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. ئارىيال كوخەن مۇنداق دەيدۇ:
"ئۇزۇن مەزگىلدىن ئېيتقاندا، رۇسىيە كەلگۈسىدە زورايغان خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ يوقىلىش خەۋپىگە دۈچ كەلمىگەن تەغدىردىمۇ، ئەمما رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونى، سىبىرىيە قاتارلىق جايلار ۋە ئۇ يەردىكى مول تەبىئىي بايلىقلار خىتاي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىش خەۋپى بار. شۇڭا بىز رۇسىيىدىكى سىياسىي ئەربابلارغا بۇ مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئاندىن ئۇلاردىن خىتاي بىلەن قانچىلىك ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىشىمىز كېرەك".
ئامېرىكا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك
ئارىيال كوخەن يەنە ئامېرىكىنىڭ، خىتاي ۋە رۇسىيىدىن كېلىدىغان تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستان ۋە ياپونىيە بىلەن بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا يەنە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر خىل تىجارەت پروگرامملىرىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا "كۈزەتكۈچىلىك" سالاھىيەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ھەمدە خىتاي- رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىندىن كۈزىتىشى كېرەك ئىكەن.
ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى كۆپ تەرەپمىلىك
يىغىندا سۆز قىلغان،" رۇسىيە RIA - نوۋوستى ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى" نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىگور زىۋىلوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي- رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئامېرىكىنى نىشان قىلغاندىن سىرت يەنە، دۆلەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈچلەنگەن بىر ئوبرازنى تىكلەشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق يەنە ياپونىيە، تەيۋەن ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگىمۇ ھەيۋە قىلىشنى ئويلىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
"نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلار رۇسىيە- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مانېۋىردىن شۇنچىلىك ئەندىشە قىلىدۇ دېگەندە، مېنىڭچە ئۇنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبى بار. مېنىڭ قارىشىمچە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەرەققىيات مودىلى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ مودېلىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ مودېل، دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى بازار ئىگىلىكى، دېموكراتىك ئېلمېنتلار بار ياكى يوق بولغان مۇستەبىت تۈزۈم، زامانىۋىلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ تۈپكى نىشانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ئەمەس. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بولسا ئۆزلىرىنى ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى تارقاتقۇچى دەپ قارايدۇ. شۇڭا يېقىن كەلگۈسىدە قىممەت قارىشى ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئۇلار ئارىسىدا جىددىيلىك ۋە توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىغا بېرىلگەن بىر سىگنال
يىغىندا يەنە سۆز قىلغان، مىيازاۋا جورنىلىنىڭ ساھىبى ۋە تەھرىرى مايكىل مىيازاۋا، خىتاي- رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېنىق سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"خىتاي رەھبەرلىرى بۇ ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئامېرىكىغا شۇنداق سىگنال بەردىكى، ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بولامدۇ ياكى باشقا مەسىلىلەردە بولامدۇ توقۇنۇشۇشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالايدۇ. ئەمما، خىتاي ھەممىلا ئىشقا تەخىر قىلىپ تۇرمايدۇ. شۇڭا خىتاينى بەك چېكىگە قىستىماڭ، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە".
مىراس فوندى جەمىيىتىنىڭ داڭلىق تەتقىقاتچىسى، خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى خارۋىي فىلدمەن، رۇسىيە - خىتاي بىرلەشمە مانېۋىرى ئارقىلىق، شىمالىي كورىيە يادرو كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى سۆھبەت بۇزۇلۇپ، ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان شارائىتتا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى توسۇش كۈچى بارلىقىنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيىنىڭ خىتايغا كەڭ كۆلەمدە قورال سېتىپ بېرىشى، ئەمەلىيەتتە خىتايغا ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئارغامچا بەرگەندەك بىر ئىش ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىرغىزىستاندا
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ئاسىياغا تەھدىتمۇ؟
- رۇسىيە خىتاي ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
- رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى
- ئامېرىكا ئانالىزچىسىنىڭ نەزىرىدىكى رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مانېۋىرى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەمدۇ ؟
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا