شۋېتسىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغان مىسسىئونېرلىرىنىڭ ئەۋلادى مارگارېتا خانىم بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00
yakup-istipan-margarita.jpg

شۋېتسىيىدە كەلگەن تۇنجى ئۇيغۇر پەرزەنتى دەپ قارىلىۋاتقان ياقۇپ ئىستىپان ۋە ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس گۇننار يارىڭ بىلەن قۇيۇق باردى كەلدىدە بولغان مارگارىتا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان چۇڭقۇر سۆيگۈسىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

مارگارىتا خانىم ياقۇپ ئىستىپان ۋە گۇننار يارىڭلاردىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەن بولۇپ، يېشىنىڭ چوڭلاپ قالغىنىغا قارىماي ھازىرمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە سورىغان سۇئاللىرىمغا ئامال بار ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاپتا بولۇشقا تىرىشتى.

- مىنىڭ ئاڭلىشىمچە سىز ئانىڭىزنىڭ قەبرىسىگە "شەرقى تۈركىستانلىق ئانا" دەپ يازدۇرۇپسىز، نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەپ يازدۇردىڭىز؟ - چۈنكى، مىنىڭ ئاتا-ئانا 1930-يىللاردا شەرقى تۈركىستاندا ئىشلىگەن ئالدى بىلەن يەكەندە، كىيىن قەشقەردە. - سىز ئۆزىڭىزنىمۇ شەرقى تۈركىستاندا تۇغۇلغان دەيدىكەنسىز، سىزمۇ شۇ يەردە تۇغۇلغانمۇ؟ - ياق، مەن شۋېتسىيىدە تۇغۇلغان، ئەمما مەن شەرقى تۈركىستاندا ئانامنىڭ قوسىقىدا قالغان. سىز شۋېتسىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇيدىكەنسىز، سىزنىمۇ بارلىق ئۇيغۇرلار تونۇيدىكەن، سىز نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قىزىقىسىز؟ - مىنىڭ ئاتا - ئانام شەرقى تۈركىستاندىن قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلاردا مەن تېخى كىچىك ئىدىم، ئۇلار ماڭا داۋاملىق شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. مىنىڭ سەبى قەلبىمدە شەرقى تۈركىستانغا بولغان بىر خىل مۇھەببەت شۇندىن باشلاپ پەيدا بولغان ئىدى. كېيىن ياقۇپ ئىستىپان دېگەن كىشى بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ يەكەنلىك ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ ماڭ ئۇيغۇرچە ئۆگەتتى. مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دەسلەپكى ئاساسى شۇ ئادەمدىن كەلگەن ئىدى. - سىز ياقۇپ ئىستىپاننىڭ گېپىنى قىلدىڭىز، ئۇ كىم بولىدۇ؟

margareta-yarring-200.jpg
مارگارېتا خانىم 1998 – يىلى گۇننار يارىڭ ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ شۋېتسىيىدىكى ئۆيىدە. image courtesy: Margareta Hook's Homepage

- ياقۇپ ئىستىپان يەكەنلىك يىتىم بالا، بولۇپ كىچىكىدە يەكەندىكى شۋېتسىيە مىسسىئونېرلىرىنىڭ ئىلكىدە چوڭ بولغان. 1933 - يىلى ئۇنىڭ قابىل ئىسىملىك بىر دوستى تۇيۇقسىز ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ تۈرمىگەن تاشلانغان. شۇ يىلى تەلىيىگە تۈرمىدىن چىقىشقا مۇيەسسەر بولۇپ، ھىندىستانغا كارۋانلار بىلەن يىتىپ كەلگەن. ئۇ ھىندىستاندا 14 يىل ياشاپ 1947 - يىلى شۋېتسىيىگە كىلىپ ماكانلاشقان. - ياقۇپ ئىستىپان شۋېتسىيىدە نېمە ئىش قىلغان ئىدى؟ - ئۇ شۋېتسىيىدە ماكانلاشقاندىن كىيىن تېخنىكا كەسپىدە ئۇقۇپ ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان تېخنىك ئادىمى بولغان. ئۇنىڭ ماڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بىر قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا باشقا دۆلەتتىن كەلگەن بىر ئۆلچەش ئەسۋابنى ياسايدىغان بىر ئىش كىلىپ قالغان. ئۇ ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئېچىپ قارىسا ئاشۇ يىراقتا قالغان ۋەتىنى شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇ ئۆلچەش ئەسۋابىنى ياساۋىتىپ شۇنچىلىك ھاياجانلانغان، ئەمما ھېچكىمگە تىنمىغان پەقەت بىرقانچە يىللاردىن كىيىن ئۇ بۇ خوشاللىقىنى ماڭا دەپ بەرگەن ئىدى. - ئۇنىڭ شۋېتسىيىدە بالىسى بارمۇ يوق؟ - ئۇ شۋېتسىيىلىك بىر قىز بىلەن توي قىلغان، ئۇنىڭ ھازىر گۇنىللا ئىستىپان ئىسىملىك بىر قىزى بار. بۇ شۋېتسىيىدىكى تۇنۇلغان ئوپېرا ناخشىچىسى. ياقۇپ ئىستىپان ئۆزى 1991- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى دېگەن بىر كىتاپمۇ يازغان ئىدى. گۇننار يارىڭ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى ئىدى. ئۇلار بىر يەرگە كەلسىلا شەرقى تۈركىستان، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە توختاشماي سۆزلىشەتتى. شەرقى تۈركىستاندا بولغان چاغلىرىنى ئەسلىشەتتى. - سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئۇيغۇرچە بىلەمتى؟ - شۇنداق، مىنىڭ ئات-ئاناملا ئەمەس شەرقى تۈركىستانغا بارغان بارلىق شۋېتسىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە بىلەتتى. ئۇيغۇرچە بىلىش ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىدى. ئۇلارغا گوستاف رەكېت يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئۇلاردىن داۋاملىق ئۇيغۇر تىلىدىن يىللار بويىچە ئىمتىھانمۇ ئېلىپ تۇرغان.

- سىز قەشقەرگە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ - پەقەت بىر قېتىم بېرىشقا نېسىپ بولدى، 1989 - يىلى يولدىشىم بىلەن بېرىپ ئاتا-ئانام ياشىغان يەرلەرنى كۆرۈپ كەلدىم. مەن ئۇ يەرلەرنى كۆرۈپ خۇددى ئۆزۈمنى ئاتا-ئانامنىڭ يۇرتىغا كىلىپ قالغاندەك بەختلىك ھېس قىلدىم. ئاتا – ئانام دەسسىگەن تۇپراقلارنى دەسسىدىم. ئەينى چاغدا ئاتا- ئانام بىلەن ئالاقە قىلغان كىشىلەرنىڭ بالا-چاقلىرىنىڭ ئىستەك –سورىقىنى قىلدىم. ئەمما تېپىشقا مۇمكىن بولمىدى. يېقىندا كانادادىن بىرى خەت ئەۋەتىپتۇ، ئۇ بالا ئەينى چاغدا ئاتا-ئانام بىلەن ئالاقىدە بولغان بىرىنىڭ نەۋرىلىرى ئىكەن. (يالقۇن)