خىتاي ھۆكۈمىتى تاۋار ماركىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى كەمسىتمەكتە

0:00 / 0:00

گەرچە خىتاي قانۇنلىرىدا "مىللىي كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى تاۋار ماركىلىرىنى ئىشلىتىشكە بومايدۇ" غانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە تاپاۋەت قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى مۇقام، ئوغۇزخان، ئاماننىساخان، ھېيتگاھ، قۇتاتقۇ بىلىگ، دولان قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك ئىسىملارنى، ھاراق ماركىسى قىلىپ، ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇننىڭ مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.