"مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار (1)
2006.05.15
1966 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خىتايدا "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەت باشلانغان ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگىنىگە 40 يىل توشقان مۇشۇ كۈنلەردە، خىتايدا خەلق ئارىسىدا بۇ ھەرىكەتكە قايتىدىن باھا بېرىش پائالىيىتى بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە، خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىي ئاسارە- ئەتىقىلىرىنىڭ باھاسى 1000 ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى تەتقىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا " كونترول قىلىش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش، سانىنى چەكلەش، تىمپوراتورىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك" دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
مەتبۇاتلاردا
مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تۇنجى چوڭ خەتلىك گېزىتنى يېزىپ چاپلىغان نىې يۇەنزى خانىم ب ب س مۇخبىرىغا "پەقەت كىيىنكى ئەۋلادلارغا مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ھەرىكەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئۆزەمنى ئۆلتۈرۈۋالماي ياشاشنى داۋاملاشتۇردۇم" دېگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئېچىۋىتىش" ژۇرنىلىدا بولسا خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ماركىسزم -لېنىنىزم ئىنىستېتوتىنىڭ خۇ ياۋباڭ دەۋرىدىكى تەتقىقاتچىسى، خىتاي كوممۇنستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1987 - يىلى فاڭ لىزى، ليۇبىڭيەن، ۋاڭ روۋاڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پارتىيىدىن چىقىرىۋەتكەن جاڭ شيەنياڭ ئەپەندىنىڭ ماۋزېدوڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى"نى نېمە مەقسەت بىلەن قوزغىغان دېگەن تېمىدىكى مۇلاھىزىسى؛ خۇ جىنتاۋ بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان ۋە يېقىن ئۆتكەن ۋەن رۈننىيەن ئەپەندىنىڭ خۇ جىنتاۋ نىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە يازغانلىرى تۇنۇشتۇرۇلدى.
ماۋزېدوڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى نېمە مەقسەت بىلەن قوزغىغان؟
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئېچىۋىتىش" ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جىن جۇڭ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى لىندىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن ماۋزېدوڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى نېمە مەقسەت بىلەن قوزغىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. جىن جۇڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، "ماۋزېدوڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزى بىلەن ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى "ستالىننىڭ يېنىدا ياتقان خېروشېۋ" قا ئوخشاش كىشىلەر، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنى ئاغدۇرماقچى دەپ قاراپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ ئۈزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان. شۇنداقلا ماۋزېدوڭ يەنە ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇددى خېروشېۋ ستالىننىڭ جەسىتىنى ئورنىدىن قوزغىۋەتكەندەك، ئۆزىنىڭ جەسىتىنىڭمۇ تارتىپ چىقىرىلىشىدىن، ھەتتا "قامچىلىنىشى"دىن ئەندىشە قىلغان. جىن جۇڭ ئەپەندى بۇ تېما بۇيىچە خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ماركىسزم -لېنىنىزم ئىنىستىتوتىنىڭ خۇ ياۋباڭ دەۋرىدىكى تەتقىقاتچىسى جاڭ شيەنياڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى تۇنۇشتۇرغان. جاڭ شيەنياڭ ئەپەندى ماقالىسىدە 2006 - يىلىنى خىتايدا يۈز بەرگەن "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن 10 يىللىق بالايى-ئاپەتنى ئەسلەپ، ئۇنى نومۇس دەپ قارايدىغان چۈشەنچىنى تىكلەيدىغان بىر يىل قىلىش لازىم، - دەپ تەكلىپ بەرگەن.
جىن جۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، جاڭ شيەنياڭ ئەپەندى يېقىندا مەدەنىيەت ئىنقىلابى توغرىسىدا "ئېچىۋىتىش ژۇرنىلى"غا يازغان خېتىدە، ماۋزېدۇڭنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قوزغىشىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20 - قورۇلتېيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خېروشېۋ 1956 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20 - قورۇلتېيىدا بىر مەخپىي دوكلات بېرىپ، ستالىننىڭ شەخسىيىگە چوقۇنۇشنى يولغا قويغان جىنايىتىنى پاش قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ماۋزېدوڭ خىتايدا خېروشېۋنى 10 يىلغىچە يالماۋۇز قىلىپ كۆرسەتتى ۋە شۇنى باھانە قىلىپ، خىتايدا ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش، ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوزغىدى، بۇ بىۋاستە سەۋەب. ماۋزېدوڭ ھايات ۋاقتىدا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان كىشىلەرنىڭ، ماۋزېدوڭ ئۆلگەندىن كېيىن "جەسىىتىنى قامچىلىشى"دىن ئەندىشە قىلغانلىقىمۇ يەنە بىر سەۋەب. ھوقۇق مەستانىسى ماۋزېدوڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى"نى قوزغاتقاندا، ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت رەئىسى، پارتىيە ئىچىدە ئۆزىنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ليۇشاۋچىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۇنى "كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقوقدار"، "بىزنىڭ يېنىمىزدا ياتقان قارا نىيەتچى خېروشېۋ" دەپ ئاتىغان ۋە باشقىلارنى ئۇنى تارتىپ چىقىرىشقا كۈشكۈرتكەن. خەلق بۇ "مەدەنىيەت ئىنقىلابىي"دىكى 10 يىلنى "ئون يىللىق بۇلاڭ-تالاش " دەپ تەسۋىرلەپ كەلمەكتە. (داۋامى بار) (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ماۋ زېدوڭ ھەيكىلى قاچان چېقىلىدۇ؟
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (3)
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (2)
- "ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (1)
- ئەنگىلىيىدە نەشر قىلىنغان يېڭى كىتاب: "ماۋ زېدوڭ - خەلق بىلمىگەن ھېكايە" (6)