"مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار (2)
2006.05.16
جىن جۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر يېشى 60 ئەتراپىدىكى خىتاي رەھبەرلىرى ئەينى ۋاقىتتا قىزىل قوغدىغۇچى. يۇقىرىي دەرىجىلىك كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەن بالىلىرى ھازىرغا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ھازىرغا قەدەر ھاكىمىيەت بېشىدا
مەسىلەن: ھازىر تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىدىكى لى جاۋشىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىسىتىرلىقىدىكى ليۇجىن دېگەنلەر، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئوبرازى، گەپ سۆزى ۋە يۈرۈش -تۇرۇشىدىن قارىغاندىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىزىل قوغدىغۇچىلارغا خاس مىجەزى تېخىچە ئۆزگەرمىگەن. دېڭ شاۋپىڭنىڭ قىزى دېڭ لىن ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭدە قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ گۆزەتچىسى بولغان. بۇ گۆزەتچىلەر بېيجىڭدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئادەم ئاز ئەمەس.
"بىرلەشمە ھەرىكەت" دەپ ئاتالغان تەشكىلاتتىكى تەنلىفۇ دەل ئەينى ۋاقىتتا قانداشلىق نەزىرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان، ئىشچى، دېھقان كادىرلىرى ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد ھوقۇق تۇتۇش كېرەك، قالغان "ئىتنىڭ كۈچۈكلىرى"گە ھوقۇق بەرمەسلىك كېرەك، دەپ ئوچۇق جاكارلىغان كوممۇنىست ئەۋلادى. ئەينى ۋاقىتتا مۇتلەق كۆپ سانلىق خەلق بۇ نەزىرىيىگە قارشى تۇرغان. گەرچە شۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ئۇنى ئەكسىيەتچى نەزىرىيە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يۈرىۋەرگەن، بەلكى گۇگۇڭ مۇزىيىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. "بىرلەشمە ھەرىكەت" دېگەن قىزىل قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىدىكى بوشىلەي ھازىر خىتاينىڭ سودا مىنىسىتىرى. ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقان بۇنداق كونا قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ھېچقايسى تا ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇپ گۇناھىنى يۇيۇش ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگىنى يوق. بەلكى ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى يۇشۇرماقتا.
جىن جۇڭ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىغا مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا خۇ جىنتاۋ بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان، "سىتوڭ يۇمشاق دېتال شىركىتى"نى قۇرغان، خۇ جىنتاۋ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن ۋەن رۈننيەن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى تۇنۇشتۇرغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋەن رۈننيەن ئەپەندىنىڭ بايانلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىي دەۋرىدە قىزىل قوغدىغۇچى بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغا قەدەر كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدە باشلىق بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەردە قانچىلىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلىش جەھەتتە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك.
خۇ جىنتاۋ ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر
ۋەن رۈننيەن ئەپەندىنىڭ "مىنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىللىرىم" دېگەن ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن، ۋەن رۈنيەن ئەپەندى خۇ جىنتاۋ بىلەن ياتاقداش بولۇپ، بىر ئاشخانىدا تاماق يىگەن، بىر ياچېكىدا پارتىيە تۇرمۇشى ئۆتكۈزگەن، بىللە ساياھەت قىلغان. ۋەن رۈننيەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە تۇرغاندا، خۇ جىنتاۋ ئۇنىڭ سىياسىي كومېسسارى بولغان . ئەينى ۋاقىتتا ، -دەپ بايان قىلىدۇ ۋەن رۈننيەن، - بىزنىڭ ئۆمەكتىكى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق 4 كومېسسار بىرلىكتە "چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىئەن ئەمەس، يەنئەن" دېگەن چوڭ خەتلىك گېزىتنى يېزىپ ئىشەنچكە ئېرىشكەن. بىزنىڭ كومېسسسارلار ئىچىدە خۇ جىنتاۋ ئىككىنچى قول باشلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مىجەزى سالماق، باشقىلارنى چۈشىنىشكە ماھىر، ئادەتتە يىغىنلاردا يوليۇرۇق بەرمەي پەقەت قوشۇمچە چۈشەنچە بېرىشكىلا ئادەتلەنگەن، ھەممە ئىشتا "ئېپى بار" ئەرباپ بولغاچقا، بىز ئۇنى "باش سەردار" دەپ ئاتىلۋالغان ئىدۇق.
خۇ جىنتاۋ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى سۇچىلىق پاكولتېتىنىڭ 65 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىسى بولسىمۇ، - دەپ بايان قىلىدۇ ۋەن رۈننيەن ئەپەندى، - ئەمما ئۇ 1968 - يىلىغىچە مەكتەپتىن كەتمىگەن. بۇ جەرياندا سىياسىي كومېسسار بولۇپ تۇرغان. ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا كونسېرۋاتىپ قىزىل قوغدىغۇچى ئىدى. خۇ جىنتاۋ 1982 - يىلى گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومدىن بېيجىڭدىكى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىگە كەلگەندە، مەن خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھېسابلاش مەركىزىدە ئىشلەۋاتاتتىم، ئۇ ياشلار ئىتتپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ پات -پات ئۇچرىشىپ تۇردۇق.
مەن 1984 - يىلى كومپۇتېر ساھەسىدە تۇنۇلغاندا، خۇ جىنتاۋ گۇيجۇدا پارتكوم شۇجىسى ئىدى، بىز شۇ يىلى ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇچراشتۇق، - دەپ ئەسلىمىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋەن رۈنيەن ئەپەندى، - 1989 - يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بولغاندا، مەن خۇ جىنتاۋغا نىسبەتەن ياخشى ئارزۇ-تېلەكلەردە بولدۇم. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن خېلى بىر مەزگىلگىچە خۇ جىنتاۋنىڭ قايسى يولنى تاللىغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمىدىم. كېيىن، خۇ جىنتاۋ رەسمىي تەختكە چىققاندىن كېيىنلا ، گېرمانىيىگە ناسىستلارنى تەتقىق قىلىشقا ئادەم ئەۋەتكەندە، بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى تازا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم. كېيىن، خۇ جىنتاۋ خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەشتە چىڭ تۇرغاندا، مەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئۈمىد كۆتكەنمۇ بولدۇم. بىراق ، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋەن رۈننيەن ئەپەندى، - خۇ جىنتاۋ كۇبادىن، شىماليى كورىيىدىن ئۆگىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، مەن ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزدۈم. ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى
"ئامېرىكا ئاۋازى"نىڭ 16 -ماي كۈنى ئېلان قىلغان خىتايدا بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 1966 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ قوزغىغان. 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ماۋزېدوڭنىڭ ئايالى جاڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىي گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەلق گېزىتى "بارلىق جىن-شەيتانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايلى" دېگەن باشماقالىنى ئېلان قىلغان. 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ماۋزېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا ھەربىي كېيىم كېيىپ چىقىپ قىزىل قوغدىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە 11 مىليون قىزىل قوغدىغۇچى ماۋزېدۇڭنىڭ ئالدىدا پاراتتىن ئۆتكەن. 1968 - يىلىدىن 1976 - يىلىغىچە "قايتا تەربىيە كۆرۈش" دېگەن نام بىلەن يېزىغا قوغلانغان ئوقۇغۇچى سانى 16 مىليون.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى شىنيۈنىڭ خوڭكوڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ كۈنلەردە مەدەنىيەت ئىنقىلابى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى، ھەرقانداق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلىشىنى مەنئى قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى "بىر دۆلەتتە ئىكى خىل تۈزۈم" يولغا قويۇۋاتقان خوڭكوڭدا بۇ چەكلىمىگە ئوخشىمىغان پىكىر مەۋجۇت.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇنىڭدىن 40 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر خەلقىغە قوش بالايى ئاپەت كەلتۈرگەن "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" توغرىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ كۈنلەردە ،خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شۇجىسى ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قاتتىق زەربە بېرىش دېگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويماقتا. (ۋەلى)