چېچەن رەھبىرى ئارسلان مەشەدوۋنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

RUSSIA-CHECHNYA-MASKHADO-12.jpg

8-مارت خەلقارا ئاياللار بايرىمى كۈنى رۇسىيە دائىرىلىرى چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رەھبىرى، ئارسلان مەشەدوپنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقارالىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك مەتبۇئاتلىرى مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى شۇنىڭدەك چېچەن ئۇرۇشى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى.

ئوچۇقراقى، ئارسلان مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى خەلقارا جەمىيەتنى ئون يىلدىن بۇيان ھەل بولماي، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشى، خانى ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان چېچەن-رۇسىيە توقۇنۇشى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا، ئۇنىڭغا باھا بېرىشكە تۈرتكە بولدى.

مەشەدوۋنىڭ ئىزباسارى مەسىلىسى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى، 1994-يىلىدىن ئېتىبارەن چېچېنىستان پرېزىدېنتى جەۋھەر دۇدايېۋ بىلەن بىرلىكتە،1996-يىلى دۇدايېۋ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆزى بىۋاستە ھالدا چېچەن مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ كەلگەن گېنېرال ئارىسلان مەشەدوپ غەرب كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ نەزىرىدە چېچەن پىدائىيلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىچىدىكى مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشنى خالايدىغان مۆتىدىل ئېقىمنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم رۇسىيە رەھبەرلىرىگە چېچەن مەسىلىسىنى تېنچ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر قانچە مەزگىل ئىلگىرىلا سۆھبەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى مەشەدوپنىڭ "ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشسە، 30 مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا بۇ كرىزىسنى ھەل قىلىدىغانلىقى"نى ئېيتقانلىقى ھەققىدە يازغان.

ئارىسلان مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمىگە باھا بەرگەن غەرب ۋە مۆتىدىل رۇسىيە كۈزەتكۈچىلىرى چېچەن كرىزىسىنى سىياسىي دىئالوگ ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش ئۈمىدىنىڭ تۈگىگەنلىكى، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى قارشىلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇنىڭدا مەشەدوپنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان كىشىنىڭ كىم بولۇشى ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا ھەر خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەزىلەر چېچەن پىدائىيلىرىنىڭ ئەڭ رادىكال ئېقىمىنىڭ رەھبىرى شامىل باسايېۋنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە، يەنە بەزىلەر چېچەن پىدائىيلىرىنىڭ ئاتاقلىق قوماندانلىرىدىن بىرى دوكى ئوماروپنى، يەنە بەزىلەر لوندوندا تۇرىدىغان چېچەن ئىچكىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ باياناتچىسى ئەخمەت زاكايېۋنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشتى. بىراق، 10-مارت كۈنى چېچەن پىدايىلىرى ئارىسلان مەشەدوپنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنى، چېچەنىستان شەرىئەت سوتىنىڭ رەئىسى شەئىخ ئابدۇل خەلىم سەيدۇللايېۋنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر يېڭى چېچەن رەھبىرىنىڭ ناھايىتى "رادىكال ۋاخخابىست" ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىلگىرى مەخسۇس ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغان جەڭچىلەرنى تەييارلىغانلىقلىرى ھەققىدە يېزىشتى.

RUSSIA-CHECHNYA-AZERBAIJ-26.jpg
ئارسلان مەشەدوپنىڭ ئوغلى ئانزور، 10-مارت كۈنى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن، دادىسىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلماقتا. AFP

سىياسىي ئانالىزچى پاۋېل فېلگېڭۇئارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، چېچەنىستاندىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ تەركىبى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دائىم ئىككى گۇرۇپپا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرى چېچەن مۇستەقىلچى- مىللەتچىلىرى بولسا يەنە بىرى ئىسلامىي پىكىردىكىلەر، ئىسلامىي رادىكال گۇرۇپپىلاردۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل چېچەنىستان ئۈچۈن كۈرەش قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دۆلەت شەكلى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ. مىللەتچىلىك پىكىردىكىلەر چېچەنىستاننىڭ رۇسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشى خالىسىمۇ لېكىن، ئىسلامىي پىكىردىكىلەر مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئارىسلان مەشەدوپ چېچەن مىللەتچى-مۇستەقىلچىلىرىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قاراشلىرى بىلەن باشقىلار ئارىسىدا پەرقلىق تەرەپلەر مەۋجۇت ئىكەن.

مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان ھەر خىل ئىنكاسلار

مۇستەقىل چېچەنىستان رەھبىرى ئارىسلان مەشەدوپنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە نىسبەتەن پولشا ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنى تەنقىد قىلغان. پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا " بۇ ئۆلتۈرۈشلەرنى سادىر قىلغۇچىلار تېنچلىق كېلىشىمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بۇزغۇچىلاردۇر.. بۇ بىر جىنايەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى، بىر سىياسىي دۆتلۈك ۋە زور خاتالىقتۇر" دېپ بىلدۈرۈلگەن.

رۇسىيە Interfax ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رىچارد باۋچەر مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن پىكىر بايان قىلىپ،" بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئۆزگەرمىدى. بىز ئويلايمىزكى چېچەنىيىدىكى ۋەزىيەت سىياسىي يول بىلەن تەرتىپكە سېلىنىشى لازىم، بىز يەنىلا بۇ يولدا مېڭىشتا قالىمىز" دېيىش ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چېچەن مەسىلىسىنى تېچ ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەركىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، خىتاي بىلەن رۇسىيە چېچەن ھەم شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا پۈتۈشكەن ئىدى.

بۇ ئۆلتۈرۈشلەرنى سادىر قىلغۇچىلار تېنچلىق كېلىشىمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بۇزغۇچىلاردۇر.. بۇ بىر جىنايەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى، بىر سىياسىي دۆتلۈك ۋە زور خاتالىقتۇر.

ئارىسلان مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن "چېچەنىيىدىكى تېچلىقنى قوغداش بويىچە ئامېرىكا كومىتېتى" دەپ ئاتالغان بىر خەلقارالىق تەشكىلات بىلدۈرۈش ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە ئارىسلان مەشەدوپنىڭ 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە چېچەنىستاندىكى بىردىن-بىر دېموكراتىك ئۇسۇل بىلەن سايلىنىپ ۋەزىپە ئاتقۇرغان پرېزىدېنت"ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇلارنىڭ باياناتىدا "كرېمىل ھۆكۈمىتى دائىم سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ، چېچەن مەسىلىسىنى تېنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى. ۋلادىمىر پۇتىن ئارىسلان مەشەدوپنى ئۆلتۈرۈپ، تېنچلىق سۆھبىتىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوقاتتى" دەپ بىلدۈرۈلگەن.

مەشەدوۋنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چەچەن مەسىلىسى ھەل بولامدۇ؟

مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن چېچەن كرىزىسى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ۋە باھالار ئېلان قىلىنماقتا. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەتنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ كاۋكازىيە مەسىلىسى بويىچە تەتقىقاتچىسى ئارتۇموپ مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقىنى، چۈنكى چېچەنلەرنىڭ ئاخىرقى بىر ئادەم قالغىچە تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.ئۇ يەنە مەشەدوپنى سادام ھۇسەيىن بىلەن سېلىشتۇرۇپ، "مەشەدوپ سادام ھۇسەيىن ئەمەس، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تىرىك ئەسىرگە چۈشكەندەك " دېگەن. چۈنكى، مەشەدوپ، ئۆزىنى قورشىۋالغان رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ تەسلىم بولۇش شەرتلىرىنى قوبۇل قىلماي قارشىلىق كۆرسىتىپ ئاخىرغىچە ئېلىشقان ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى رېگاننىڭ بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولغان ئاتاقلىق سىياسى ئىستراتېگىيىچى زبىگنېۋ بىرزىژېنسكىي مەشەدوپنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن چېچەن ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن. "ئارىسلان مەشەدوپنى ئۆلتۈرۈش ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مەزكۇر چېچەن رەھبىرىنىڭ مەسىلىسىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىش تەكلىپىگە بەرگەن جاۋابىدۇر. مانا ھازىر چېچەنىيىدە پەقەت ئۆلۈمنىلا تاللايدىغان رەھبەرلەر قالدى. ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالغان چېچەنلەرنى يوقىتىشقا قارىتىلغان سىياسەت پەقەت ئۇتتۇرىدىغان ئويۇندىن ئىبارەت".

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئارىسلان مەشەدوپنىڭ 29 ياشلىق ئوغلى دادىسىنىڭ ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئارسلان مەشەدوپنىڭ ئوغلى ئانزور، 10-مارت كۈنى باكۇدا ئۆتك-مارت كۈنى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن، دادىسىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)