خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەبىئىي ئەپەتلەردىكى ئۆلۈم – يېتىم سانىنى ئېلان قىلامدۇ؟

0:00 / 0:00

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت ۋەقەلىرىدىكى ئۆلۈم – يېتىم ۋەقەلىرىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىدا ھېسابلىماي ئوچۇق - ئاشكارا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

60 - يىلىلاردا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق ۋەقەسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى پەيزىۋات ۋە باي قاتارلىق جايلاردىمۇ ئاچلىقتىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ ھەقتە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن. ئەينى چاغدا، پەيزاۋات يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرىشىت كېرىم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنى ئېيتىپ بەردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.