مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك سالاھىيەت مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ۋەتەندە تېخى روشەنلىشىپ كېتەلمىگەن ئۇيغۇر مىللي كىملىكى، بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، خىتايچە مائارىپقا يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىمۇ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ.
بۇ خىل تەھدىت تۇيغۇسى، ھىجرەت قىلىپ ياقا يۇرتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىمۇ باشقىچە شەكىلدە مەۋجۇتتۇر.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مۇھىتىدىن يېتىم ھالدا پەقەت ئوز ئائىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا كىچىك توپ ئىچىدە ياشايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مۇنداق تارىخى شارائىتتا، ئۇيغۇرلار زادى قانداق قىلغاندا ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟
بىز بۇ تېما ئۈستىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمە تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىغا قۇلاق سېلىڭ.