ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ (2)


2007.07.19

مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك سالاھىيەت مەسىلىسى ئۈزلۈكسىز خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ۋەتەندە تېخى روشەنلىشىپ كېتەلمىگەن ئۇيغۇر مىللي كىملىكى ھالا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، خىتايچە مائارىپقا يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىمۇ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ. بۇ خىل تەھدىت تۇيغۇسى، ھىجرەت قىلىپ ياقا يۇرتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىمۇ باشقىچە شەكىلدە مەۋجۇتتۇر.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مۇھىتىدىن يېتىم ھالدا پەقەت ئوز ئائىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا كىچىك توپ ئىچىدە ياشايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، مۇنداق تارىخى شارائىتتا، ئۇيغۇرلار زادى قانداق قىلغاندا ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزدا بىز ھازىر چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ باش قىسمىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

ئەمدى نۆۋەتتىكى پروگرامىمىزدا، ئالدىنقى قېتىملىق پروگراممىمىزنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ياش تەتقىقاتچى كۈرەش ئاتاخان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

سۆھبەت جەريانىدا كۈرەش ئاتاخان ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىسساق شىكورنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك دېگەن تېمىدا يېزىلغان مۇھاكىمە ماقالىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمە بۇ ھەقتە تەييارلىغان سۆھبەتنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.