ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش مىللىي زىددىيەتلەرنى تىنجىتىشنىڭ يولىمۇ؟
2005.06.01
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 31 - ماي كۈنى بېيجىڭدا مىللەتلەر خىزمەت يىغىنى چاقىردى. يىغىندا خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ، مەركىزىي بيۇرونىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ھەققىدىكى مەخسۇس قارارىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا بېرىلگەن بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مەزكۇر يىغىندا چىقارغان قارارىدا، مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئۆزگەرمەس تۈپ سىياسىتى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بۇندىن كېيىن مىللىي ئاپتومىيىلىك جايلار ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق ئالدىنقى سىياسىي ئىستراتېگىيە قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زامانىۋى ئىدىيە، ئىلغار پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەتلەرتەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى ھەم قانۇنلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار مەسىلىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، مائارىپى ھەمدە باشقا ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ مەزكۇر يىغىندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەكىتلەپ "خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مىللىي توقۇنۇشنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى" دېگەن ھەمدە يەنە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىنى ئەيىبلەپ، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ يىغىندا يەنە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل -ئەدەبىيات، ئۆرپ - ئادەت ھەم مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىق ھەققىدىمۇ توختالغان.
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، بۇ پەيتتە، مىللىي مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ مۇھىم سىياسىي ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقىرىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.
ئۇزۇندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن داڭلىق ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يەرلىك قانۇن-نىزاملار خىتاي سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن رول ئوينىماقتا
- خىتاي زىيالىيلىرى ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى (2)
- خىتاي زىيالىيلىرى ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى (1)
- سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئاپتونومىيە ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلدى
- مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى قەغەز يۈزىدىكى "پەدەز"
سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى تەرمىلىرى
- "يالتا كېلىشىمى ئەڭ چوڭ تارىخىي خاتالىق" دېگەن ئىقرار - نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايانات (2)
- "يالتا كېلىشىمى ئەڭ چوڭ تارىخىي خاتالىق" دېگەن ئىقرار - نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايانات (1)
- رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى
- ھازىرقى خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟
- ھازىرقى خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟