"مۇقەددەس - 6" خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈنمۇ ياكى كوممۇنىست پارتىيە ئۈچۈنمۇ؟
2005.10.17
خىتاي 1958 - يىلى جيۇچۇئەندە ئالەم بازىسىنى قۇرۇشقا باشلىغان، 1970 - يىلى 4 - ئايدا يەر شارىنىڭ سۈنئى ھەمراھىنى ئۇچۇرغان؛ 1999 - يىلى 11 - ئايدا "مۇقەددەس 1-" ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇرغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر قاتار سىناقلار ئارقىلىق 2005 - يىلى "مۇقەددەس - 6" ناملىق ئالەم كېمىسىنى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئالەمگە ئۇچۇرغان. بۇنىڭ ھەممىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىسى بىلەن خىتاي خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنى "ئالەم بوشلۇقى تارىخىدىكى ئۇلۇغ نەتىجە" ، "جوڭگو نىڭ خەلقئارادىكى مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ" دەۋاتىدۇ. ئەمما "مۇقەددەس - 6" توغرىسىدا چەتئەللەردە بولۇۋاتقان ئەركىن مۇھاكىمىلەر بۇنى رەت قىلىدۇ. .
مۇقەددەس – 6 خەلق ئۈچۈن ھاجەتسىز
"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ بايان قىلىشىچە، جىلىن ئۆلكىسىدىكى بىر خىتاي پۇقراسى "ھۆكۈمەت ئالەم كېمىسىنى ئاسمانغا ئۇچۇردى، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى يەرگە چۆكتۈردى. 70 - يىللاردا يەر شارىنىڭ سۈنئىي ھەمراھى ئاسمانغا چىقىرىلىپ، "شەرق قىزاردى" دېگەن مۇزىكا ئاڭلاتقاندا، گەرچە قاتتىق سىياسى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بولساقمۇ، يەنىلا ھاياجانلانغان ئىدۇق. ئۇ چاغدا دۇنيادىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋىرىمىز يوق ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنداق ئەمەس، ھازىرقىدەك خەلققە ئوقۇش قېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش قېيىن، دەرد ئېيتىش قېيىن، ھوقۇقىنى قوغداش قېيىن، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش قېيىن، پارتىيىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇش قېيىن بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، 'مۇقەددەس – 6' خەلق ئۈچۈن ھاجەتسىز " دېگەن.
جاڭشى ئۆلكىسىدىكى بىر خىتاي پۇقراسى "پارتىيە دېڭىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ شۇنچە كۆپ پۇلىنى سەرپ قىلىپ "ئاۋىئاماتكا ياساش پلانى" نى تۈزگەن، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. بۇنىڭ بەدىلىگە ھازىر خەلق كېسەل بولسا داۋالىنالمايدىغان، باللىرىنى ئوقۇتالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. پارتىيە ئەمدى يەنە ئاسماننى كونترول قىلىدىغان "ئالەم قىسىمىلىرى" قۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالەم كېمىسىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ. بۇرۇن ئۆزىگە جەننەت قۇرۇپ خەلققە ئاپەت كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىنى ئەمدى خەلققە بەخت يارىتىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟" دېگەن.
مۇقەددەس - 6 پەقەت ئابروي ۋە ھەشەمەت ئۈچۈنلا
ب ب س ئېلان قىلغان مۇلاھىزىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيىدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ ئىپتىخارىنى يوقاتسا، ئۇ يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ، خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالى ياخشى بولغاندا بۇنداق يۇقىرى پەن - تېخنىكا بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، ئەمما "مۇقەددەس - 6" خەلق بىلەن كارى بولماي، خەلقنىڭ پۇلىنى سەرپ قىلىپ، سىياسىي نەتىجە ئۈچۈن قىلىنغان ئىش، بۇنى ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتسە بولمايدۇ " دېگەن. تيەنجىندىكى بىر خىتاي پۇقراسىمۇ "مۇقەددەس - 6 پەقەت بىر ئابروي ۋە ھەشەمەت ئۈچۈنلا قىلىنغان ئىش. ئۇنىڭ خەلق ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق" دېگەن.
خىتايدىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا "ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىق كۈچى يوق قاتلاملاردا، ئىلمىي سىناق ئېلىپ بېرىپ، يېڭى توۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، مەسىلەن، ئايدا قىممىتى مەڭگۇ ئۆزگەرمەيدىغان مەدەنلەر، دۆلەت مۇداپىئەسىگە كېرەكلىك بايلىقلار بولسا، ئۇنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن كۆپلەپ پايدا قازىنىش ئېھتىمالى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك" دېگەن.
مۇقەددەس - 6 بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى يوق
خىتايدىن يېزىلغان يەنە بىر ئوبزوردا "مۇقەددەس - 6 بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. باشقا دۆلەتلەر بۇنداق ئىشلارنى ساپ پەن - تېخنىكا سىناقلىرى دەيدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بولسا بۇنى پارتىيىنىڭ، دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ پەخرى، ۋەتەنسۆيەرلىكى دەۋالغان. ئەگەر ئالەم كېمىسىنى ئاسمانغا چىقىرىش ۋەتەنسۆيۈش بولسا، ئالەم كېمىسىنى ئەڭ بۇرۇن ئاسمانغا چىقارغان سوۋېت ئىتتىپاقىدىن خەلق پەخرلىنىپ، ئۇنى سۆيسە بولاتتى، ئۇ گۇمران بولمايتتى. خەلق دۆلەتنى سۆيمىسە، بۇ مەسىلىنى قانداق قىلىپ ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟ " دېگەن.
خىتايدىن يېزىلغان يەنە بىر ئوبزوردا "’مۇقەددەس - 6’ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۇنيادا ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان ئىش. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەخلاقسىز، ۋىجدانسىز كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان پارتىيە، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۆلەت مەنپەئەتى دېگەن نەرسە يوق. بۇ پارتىيە خەلقنىڭ ئۆلۈش - تىرىلىشى بىلەن كارى يوق. ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى مۇقىم تۇرسىلا بولدى. باشقا جايدا ئوت كۆيىۋاتسا، ئۆزىگە تۇتاشمىغىچە بېرىپ ئۇنى ئۆچۈرمەيدۇ. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيە ‘مۇقەددەس - 6’ گە بەك قىزىقسا، پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى ئۆزى شۇنىڭغا ئۆلتۈرۈپ يەر شارىدىن كۆچۈپ كەتسۈن. كوممۇنىست پارتىيە يەر شارىدىن يوقالسا ئاندىن خەلق ئارام تاپىدۇ" دېگەن. (ۋەلى)