ئۆزبېكىستان مۇساپىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارىغا مۇراجەتنامە يازدى

UZBEKISTAN-KYRGYZSTAN-RE-43.jpg
15ئىيۇن كۈنى، ئۆزبېكىستان مۇساپىرلىرى قىرغىزىستاننىڭ باراش كەنتىنىڭ سىرتىدىكى مۇساپىرلار چىدىرىدا. AFP

ئۆتكەن ئاينىڭ 13-كۈنىدە يۈز بەرگەن ئەندىجان ۋەقەسى نەتىجىسىدە بىر قانچە يۈزلىگەن ئۆزبېك مۇساپىرلىرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ، قىرغىزىستان تەۋەسىگە قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان ئىدى. ئاياللار، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر مۇساپىرلار قوشۇنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەزكۇر مۇساپىرلار تاكى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلالمىغان بولۇپ، ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى ۋە بېسىمىغا دۇچ كەلگەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتىدە بىر قانچە نەپەر كىشىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن ھەمدە يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى داۋاملىق قايتۇرۇشقا تەرەددۇت قىلغان.

ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلاشماقتا

بىز پەس كۆرۈلگەن ، ھاقارەتلەرنگەن، ئۆلۈمدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدە مۇراجەت قىلماقچىمىز

نۆۋەتتە، ئۆزبېك مۇساپىرلىرى مەسىلىسى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تاقاشقان مەسىلە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، خەلقارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلىدۇر. چۈنكى، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلابتىن كېيىن، دېموكراتىيىلىشىش دولقۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە دېگۈدەك يېڭى يۈزلىنىشكە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئەندىجاندىكى ئاممىۋى ھەرىكەتلەر بۇنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ قالغان. شۇ ۋەجىدىن خەلقارا جەمىيەت بىر تەرەپتىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە ئەندىجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا ئۈندىمەكتە.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر مەركىزى نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆز ئەھۋالىدىن ئەنسىرىگەن ئۆزبېك مۇساپىرلىرى 16-ئىيۇن كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارى ئانان ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېۋكە شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفقا مۇراجەتنامە يېزىپ ئوچۇق ئېلان قىلغان.

مۇراجەتنامىدە ب د ت دىن ياردەم سورالغان

قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىنىڭ ئۆزلىرى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرىۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەن ئۆزبېك مۇساپىرلىرى ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننانغا يازغان مۇراجەتنامىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

"دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە چېگرا مۇداپىئە خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن بىز ئەشۇ نېيترال رايوندا تۇرىۋاتقان ۋاقتىمىزدا قانۇنسىز ھالدا ئىككى مۇساپىرنى ئۆزبېك ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرى قايتۇرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇش ئەھۋالى يۈز بەردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ۋە چېگرا مۇداپىئە خىزمەتچىلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىر تىنچلانغانلىقى، بىزنى ئۇ جايدىكى تۇغقانلىرىمىز ۋە يېقىنلىرىمىزنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقى، ئۆزبېكىستاندا مۇساپىرلارغا ھېچ كىمنىڭمۇ تەھدىد سالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاكتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا."

مۇساپىرلار كوفى ئاننانغا يازغان مۇراجەتنامىسىدە يەنە قىرغىزىستان دائىرلىرىنىڭ مۇساپىرلار ئىچىدە جىنايەتچىلەر بارلىقىنى تەكىتلەپ، مۇساپىرلارغا جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئاخىرى تۆت نەپەر ئادەمنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى پاش قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

" بىز پەس كۆرۈلگەن ، ھاقارەتلەرنگەن، ئۆلۈمدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئادالەتسىزلىكلەر ھەققىدە مۇراجەت قىلماقچىمىز" دەپ خېتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئۆزبېكىستان مۇساپىرلىرى يەنە كوفى ئاننانى قىرغىزىستانغا كېلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان.

مۇساپىرلار يەنە قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتلىرىغىمۇ مۇراجەت قىلغان

قىرغىزىستان تەۋەسىگە قېچىپ كەلگەن بۇ مۇساپىرلار يەنە قىرغىزىستان ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمان بېك باقىيېۋقا مۇراجەتنامە يېزىپ، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتىن شىكايەت قىلغان ھەمدە ئۇنى خەلقارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا چاقىرغان. ئۇلار خېتىدە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىجاندا قان تۆكۈلەشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن قۇرمانبېك باقىيېۋنى بۇلارغا ئاقىل ۋە ئادىل يول تۇتۇشقا چاقىرغان.

ئۆزبېك مۇساپىرلىرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفقىمۇ مۇراجەتنامە ئەۋەتكەن. قىرغىزىستان قابار ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مۇساپىرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇراجەتنامىسىدە ئىسلام كېرىموفنى ئەندىجان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ كۆمۈۋېتىلگەن جايلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىغا ئاشكارىلاشقا دەۋەت قىلغان. ئۇلار يەنە ئەندىجان ۋەقەسىنىڭ ئوساما بىن لادېن ۋە ئەل قائىدە ھەم چېچەن جەڭچى گۇرۇپپىلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن كېرىموفنى مۇساپىرلارنىڭ ئۆزبېكىستاندا قالغان يېقىنلىرىغا شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستانغا بېسىم قىلماسلىققا چاقىرغان.

ئۆزىنى دېموكراتىك ھۆكۈمەت دەپ ئاتاۋاتقان يېڭى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقارالىق ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقى ۋە تەنقىدلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامازان دىرىلدايېۋ بىشكەكنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بايانات ئېلان قىلغان شۇنىڭدەك يېڭى بىشكەك ھۆكۈمىتىنى ئاقايېۋنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىققا، خەلقارا مۇساپىرلارنى قوغداش ئەھدىنامىلىرىگە رېئايا قىلىشقا چاقىرغان.

قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامازان دىرىلدايېۋ باياناتىدا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى دېگەندەك خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە بويسۇنماي، خەلقارا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا، خەلقارالىق قانۇنلارغا ھۆرمەت ۋە رېئايە قىلىشچا چاقىرغان. (ئۈمىدۋار)