خىتاي ھۆكۈمىتى،مەمۇرىي ئورۇنلارنى پارتىيە گېزىت-ژورناللىرىنى مۇشتەرى بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا


2004.12.28

خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق كومپارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ گېزىت- ژورناللىرىغا مۇشتەرى بولمىغان ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلاردىن 61 ئىگە نازارەت ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەن.

غەلىتە ۋەزىپە

خەۋەردە، بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ كىلەر يىللىق پارتىيە گېزىت- ژورناللىرىغا مۇشتەرى بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىنىپ،" ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مۇشتەرى توپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان ئورۇنلارغا نازارەت ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈپ، ئۇلاردىن مۇشتەرى بولۇش خىزمىتىنى تېزدىن تولۇقلاپ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ گېزىت-ژورناللىرىغا مۇشتەرى بولمىغان ئورۇنلارنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرى بېرىلىدىغان مەنىۋى مەدەنىيەت مۇكاپات پۇلى ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپمۇ يەنە مۇشتەرى بولمىغان ئىدارە - ئورگانلارنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئۇقتۇرۇش قىلىپ جازالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەمۇرىي ئىدارىلەرگە پارتىيە گېزىت- ژورناللىرىنى مەجبۇرىي تېڭىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. بىراق تېلېفوننى ئالغان بىر نۆۋەتچى خادىم، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەتىسى ئەتىگەن باشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلارغا تېلېفون قىلىشىمىزنى سورىدى.

خىتاينىڭ مەقسىتى باشقا

خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان، ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدىكى مۇستەقىل ئوبزورچى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەمۇرىي ئورگانلارنى پارتىيە ئورگان گېزىتىگە مۇشتەرى بولۇشقا مەجبۇرلىشىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىنتايىن ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

- مېنىڭچە ، ئىلگىرى خىتايدا پارتىيە گېزىت- ژورناللىرىغا مەجبۇرىي مۇشتەرى بولۇش ئەھۋاللىرى ئېغىر ئىدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋاللار ئازايغان. خىتايدىكى مەتبۇئات ساھەسى بارغانسىرى بازارلىشىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرمۇ پارتىيە گېزىت-ژورناللىرىغا مەجبۇرىي مۇشتەرى بولۇشنى ئانچە قوللىمايدۇ. بۇنداق شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئورگانلارنى پارتىيە گېزىت- ژورناللىرىغا مۇشتەرى بولۇشقا مەجبۇرلاشتا مېنىڭچە باشقا مەقسەت -مۇددىئالار بار. بۇ بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلاشچىلاشتۇرۇش مائارىپىنى كۈچەيتىشنىڭ بىر قىسمى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار پارتىيە گېزىت- ژورناللىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 61 ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن ھازىرغىچە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ گېزىت- ژورناللىرىغا مۇشتەرى بولمىغان.

خەلقنىڭ رايى

مۇستەقىل ئوبزورچى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ پارتىيە گېزىت- ژورناللىرىنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دىدى:

- ھازىرقى خىتايدىكى ۋەزىيەت ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشىمايدۇ. خىتايدا ئاساسەن مەتبۇئات بازىرى شەكىللەندى. ھەر خىل گېزىت- ژورناللار يېڭىدىن چىقىۋاتىدۇ. كۈندىلىك گېزىت دىگەن گېزىتلەردىنلا ھازىر خىتايدا ئىككى مىڭدىن ئارتۇقى بار. شۇڭا، رىقابەت خېلى كۈچلۈك. بۇنداق شارائىتتا، كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا نۇرغۇن تاللاش ئىمكانىيىتى بار. "خەلق كۈندىلىك گېزىتى" قاتارلىق پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى ۋە شەكلى جەلىپ قىلارلىق بولمىغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇشتەرى بولۇشنى خالىمايدۇ. بۇنداق كۆپ ئورۇننىڭ پارتىيە گېزىت- ژورناللىرىغا مۇشتەرى بولمىغانلىقىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىدە. ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق نەرسىگە بىكار پۇل خەجلىگىسى كەلمىگەن گەپ. شوڭا بۇ، كىشىلەرنىڭ پارتىيە گېزىت- ژورناللىرىنى قۇبۇل قىلماسلىق كەيپىياتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.