"شەرقىي تۈركىستان" مۇستەقىللىقى كىمنىڭ ئارزۇسى؟


2006.05.25

exmetjan-bash.jpg
1944 – يىلدىن 1949 – يىلغىچە مەۋجۇت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى.

خىتاي تور بەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىچىدە ھەمدە سىرتىدا ئېلىپ بارغان ھەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە ئائىت ماقالىلار قايتىدىن مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ بولغان ماقالىلارمۇ بار. مەسىلەن، خىتاي خەلق تور بېتىدە ئۈچ يىل ئىلگىرى 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 – كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "70 يىل بۇرۇنقى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي قالايمىقانچىلىق ئويۇنىنىڭ تەشكىللىگۇچىسى زادى كىم؟ "ناملىق ماقالە توردا قايتا ئېلان قىلىنىپ مۇلاھىزىگە قويۇلغان.

ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىق قىلمىسا، كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟

مەزكۇر تېمىدىكى ماقالىدە ئاساسەن 1933 – يىلى 11 - ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى قۇرۇلغان " شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سابىت داموللا ھەمدە غوجىنىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇرلارنى مىللىي رەھبەرلەر ھەم قەھرىمانلار قاتارىدا سانايدىغان كىشىلەرنى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دېيىش بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ مۇستەقىل قىلىشى پەقەت مىللىي بۆلگۈنچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقى ئەينى دەۋىردىكى بىر نەزەرگە ئېلىنمىغان سىياسىي قالايمىقانچىلىق دەپ كۆرسەتكەن.

شۇنداقلا شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى دېگەننى قايتا تەكىتلەپ"ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىن تا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلى ھەم چەتئەللەردە داۋام قىلىۋاتقان مۇستەقىللىق پائالىتىنى " شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان بىر قىسىم بۆلگۈچىلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان چۈشى، ھەر قانداق كىشى ھەر قانداق قىلىپمۇ شىنجاڭنى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىكىتەلمەيدۇ، بۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى شىنجاڭ خەلقى ئەزەلدىن شۇنداقلا مەڭگۈ ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستاننى ئېتىراپ قىلمايدۇ دەپ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى خەلقىگە ۋەكىللىك قىلغان تەلەپپۇزدا يەكۈن چىقارغان.

د ئۇق: خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى يوقىتىش

ئەمما دېموكراتىك ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىگە قارشى قايتا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان بۇ تەشۋىقاتلارغا نىسبەت قەتئىي ھەم جىددىي تۈردە رەددىيە بېرىپ ئىنكاس قايتۇردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشىدىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، "شىنجاڭ" نىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ تەشۋىق قىلغانلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ، "شىنجاڭ" نىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي دائىرىلىرى گەرچە ئەينى چاغدىكى شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرى بولغان سابىت داموللا ھەمدە غوجىنىياز ھاجىلارنى توپىلاڭچى، ئۇلار ھېچقاچان خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاپرىل ئېيىدا ئۇلارنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن قەبرىلەرنى يۆتكىۋەتكەن ئىدى. ئىگە بولغان ئېنىق مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ مەقبەرىلەرنىڭ يۆتكىلىشىدىكى سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مىللىي رەھبەرلەرنىڭ قەبرىسىنى دائىم يوقلاپ تۇرۇشى ئىكەن ھەمدە قەبرە گۈمبەزلىرىگە خەلقنىڭ مۇستەقىللىقكە بولغان ئارزۇلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۆچمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز- ئىبارىلەرنى قالدۇرۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.