ستاتىستىكا: مۇسۇلمان ئاياللىرى ئىسلام دىنىغا سادىق بولۇش ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىشنى خالايدۇ


2006.06.12

ئامېرىكا گالۇپ تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى 8 مۇسۇلمان دۆلىتىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئاياللىرى غەرب ئەللىرىدىكى ئاياللار بەھرىمان بولۇۋاتقان ھەر خىل ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمەن بولۇشنى خالايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە، بۇنى ئىسلام دىنىغا سادىق بولۇش ۋە ئەخلاق قىممەتلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ قارايدىكەن. مەزكۇر شىركەت بۇ راي سىناش تەكشۈرۈشىنى ئۆتكەن يىلى 8‏- ئايدا باشلاپ، تۈركىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، پاكىستان، ئىران، مىسىر، ئىئوردانىيە، ماراكەش ۋە لىۋان قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ ھەر بىرىدە 1000 غا يېقىن مۇسۇلمان ئەر ۋە ئاياللىرىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇلاردىن ئىسلام دىنى، ئەركىنلىك، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا ئائىت بىر يۈرۈش سۇئاللارنى سورىغان.

مۇسۇلمان ئاياللىرىدىكى ئۈمىد ۋە نەپرەت

گالۇپ تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6‏- ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇسۇلمانلار ئىشلىرىغا ئائىت بۆلۈمنىڭ دېرىكتورى دالىيا موگاھېد بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ غەربنىڭ تېخنىكىسى، سىياسىي ئەركىنلىكى ۋە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىگە ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

"بىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەر بىر مۇسۇلمان دۆلىتىدىكى كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئاياللىرى، ئۆزلىرىنى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا سايلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن. ئۇلار يەنە، ئۆز ئالدىغا سىرتتا خىزمەت قىلىش، خالىغان خىزمەتلىرىدە ئىشلەش ھەتتا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈش قاتارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ بولۇشىنى خالايدىكەن".

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، راي سىناش تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان ئەرلەر ۋە ئاياللار ھەر ئىككىلىسىلا دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەخلاق قىممىتىنى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارىغان. شۇنداقلا ئۇلاردىن غەرب ئەللىرىنىڭ نېمىسىگە ئەڭ ئۆچ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار ھەممىدىن ئاۋۋال غەرب ئەللىرىدىكى "ئەخلاقسىزلىق، قالايمىقان جىنسىي ئالاقە ۋە شەھۋانىيلىق" ئەھۋاللىرىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دالىيا موگاھېد خانىم مۇنداق دەيدۇ:

"مۇسۇلمان ئاياللىرى ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان باراۋەرلىك جەھەتتىكى ئىمتىيازلىرىغا قىزىقىدۇ-يۇ، ئەمما ئۇلاردىكى مەلۇم مەدەنىيەت چېكىنىشىنى ياقتۇرمايدۇ".

مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش

موگاھېد خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راي سىناش تەكشۈرۈشىدە يەنە، مۇسۇلمان ئاياللىرى ۋە ئەرلىرىدىن مۇسۇلمان جەمئىيىتىدە نېمىنى ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىمۇ سورالغان. بۇ سۇئالغا جاۋابەن كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئاياللىرى چىرىكلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقسىزلىق ئەھۋاللىرىنى ئەڭ ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا ئەر -ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك مەسىلىسىنى كىرگۈزمىگەن. بۇ ھەقتە توختالغان موگاھېد خانىم مۇنداق دەيدۇ:

"بەلكىم بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا جىنسىي باراۋەرلىك مەسىلىسى ئالدىنقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دەيدىغان چۈشەنچە بولمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىقتىساد ۋە سىياسىي ئەركىنلىككە ئوخشاش باشقا مەسىلىلەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى مۇمكىن".

خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

گالۇپ تەشكىلاتى 70 يىلدىن بۇيان ئىنسانلار تەبىئىتى ۋە ھەرىكىتى ئۈستىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات مۇتەخەسسىسلىرى بولسا مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىساد، پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەلىرى بويىچە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالىملاردۇر. بۇ ئورۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بارغان بۇ راي سىناش تەكشۈرۈشىنى بۇ يىلمۇ يەنە داۋاملاشتۇرماقچى.

گالۇپ تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل دېرىكتورى فرەنك نيۇپورت بۇ خىلدىكى راي سىناش تەكشۈرۈشلىرىنىڭ خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

"ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى، ئادەتتىكى خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش. دۇنيادىكى سىياسىي رەھبەرلەر داۋاملىق ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىتىپ تۇرۇش كېرەك ھەمدە بۇ، پۈتۈن جەمئىيەتكە ۋە رەھبەرلەرنىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى كېرەك".

گالۇپ تەشكىلاتى ئامېرىكىلىق دوكتۇر جورج گالۇپنىڭ نامىدا 1935‏- يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىر بۇ ئورگاننىڭ 2000 دىن كۆپ خادىمى بار ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بولۇپ 40 نەچچە ئىشخانىسى بار. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.