0:00 / 0:00
30-مارت بەشكە شەھىرىگە توپلانغان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى 20 نەچچە ئاپتوموبىل بىلەن ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىش 31 – مارت كۈنى يەنە داۋاملاشتى. ئىسسىق كۆل، توقماق، قارابالتا قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن نامايىشچىلار فىلىكس قۇلۇپنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، شوئارلار توۋلىدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.