نۇرسۇلتان نازاربايېف پرېزىدېنتلىققا قەسەم بەردى


2006.01.11

nazarbayef.jpg
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 11-يانۋار ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنتلىققا قايتا ئولتۇرۇش قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىنى سۆيمەكتە. AFP

1-ئاينىڭ 11- كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى رەسمى تاپشۇرىۋېلىش قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يەنە يەتتە يىللىق مۆھلەت بىلەن مەزكۇر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى قايتا زىممىسىگە ئالغان نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېف قەسەم بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپە ئاتقۇرۇش جەريانىدا قازاقىستاننى تېخىمۇ گۈللەندۈرىدىغانلىقى ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان 70 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىدا خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى زېڭ چىڭخوڭمۇ بار بولۇپ، ئۇ نازاربايېف قاتارلىق قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى.

نازاربايېف ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئاتقۇرىدىغان پرېزىدېنت بولۇشى مۇمكىن

15 يىلدىن بۇيان قازاقىستاننى باشقۇرۇۋاتقان نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا 90% ئاۋاز بىلەن رەقىپلىرىنى يېڭىپ، يەنە يەتتە يىللىق مۆھلەت بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان ئىدى. گەرچە بۇ سايلام خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ۋە قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن دېموكراتىك سايلام ئۆلچەملىرىگە لايىق بولمىغانلىقى بىلەن تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرسۇلتان نازاربايېف بەرىبىر 11-يانۋار كۈنى پايتەخت ئاستانادىكى " ئاق ئوردىدا" ھەيۋەتلىك قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، رەسمى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، يېقىنقى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە قازاقىستاننى دۇنيادىكى 50 باي دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ۋەدە قىلغان نازاربايېفنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىغا 70 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان. ئەلۋەتتە، نازارابايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلىتسىن ۋە ھازىرقى پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ۋىكتور يۇشېنكو، گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى ھەم ئافغانىستان پرېزىدېنتى خەمىت كارزاي شۇنىڭدەك قىرغىزىستان قاتارلىق باشقا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان. شۇنىڭ بىلەن نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى 22 يىلغا سوزۇلۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئاقتۇرغان پرېزىدېنتلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇراسىمغا خۇ جىنتاۋ قاتناشمىغان

گەرچە، نازاربايېفنىڭ مۇراسىمىغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشتىراك قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتناشماي، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى زېڭ چىڭخوڭ ئەۋەتىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، زېڭ چىڭخوڭ نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا خۇ جىنتاۋنىڭ تەبرىكىنى يەتكۈزگەن شۇنىڭدەك قازاقىستاننىڭ تەيۋەن، تىبەت ۋە "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىش مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قانداق ۋەزىيەت شارائىتىدا يەنىلا سەمىمىي دوست ۋە ياخشى قوشنا ھەم يېقىن ئىستراتېگىيىلىك شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىيونى قەھرىمان غوجەمبەردى ئەپەندى زېڭ چىڭخوڭنىڭ بۇ سەپىرى ھەققىدە باھا بېرىپ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، مۇستەقىل تاشقى سىياسىتىنىڭ يوقلىقى، ئۇنىڭ يەنىلا خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئاغزىغا قاراپ، ئۇلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن نازاربايېفنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۆھلىتى جەريانىدىمۇ ئۆزىنىڭ قېلىپلىشىپ قالغان سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاي-قازاقىستان بىرلەشمە باياناتى

زېڭ چىڭخوڭ بىلەن نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتى ئېلان قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، مەزكۇر 14 ماددىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە باياناتتا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسەت، سودا-ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 2002-يىلى تۈزۈلگەن" خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى"گە بىنائەن، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا "ئۈچ خىل كۈچلەرگە" ئورتاق زەربە بېرىش قايتا تەكىتلەنگەن شۇنىڭدەك يەنە قازاقىستاننىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايدىكى بىردىن بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكى ھەمدە قازاقىستاننىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىگە قارشى تۇرۇشتەك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

بۇ يەردە كۆرسىتىدىغان نۇقتا شۇكى، خىتاي تەكىتلەۋاتقان ئاتالمىش "ئۈچ خىل كۈچ" ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، قەھرىمان غوجەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ كەلمەكتە. دېمەك، بۇ قېتىم نازاربايېف قايتا ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىقلىرى ئۆزگەرمەيدۇ.

خىتاي قوش ئۆلچەم قوللاندى

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دېموكراتىك ئىنقىلابتىن كېيىن ئەسقەر ئاقايېفنى ئاغدۇرۇپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋېلىش قەسەمياد مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىل ئەۋەتمىگەن بولۇپ، ئەمما نازاربايېفنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىشىنى رەسمى قوللىغان. ئەمما، بۇ قېتىم زېڭ چىڭخوڭ مۇراسىمغا كەلگەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقلارنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، زېڭ چىڭخوڭ قىرغىزىستاننى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ،" ئۈچ خىل كۈچلەر"گە ئورتاق زەربە بېرىشكە دەۋەت قىلغان.

بۇشمۇ تەبرىكنامە ئەۋەتتى

نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قەسەمياد مۇراسىمىغا بىۋاسىتە قاتناشمىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئۇنىڭ نامىغا مەخسۇس تەبرىكنامە ئەۋەتكەن بولۇپ، " بۈگۈنكى قازاقىستان " ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، جورجى بۇش ئۆزى ۋە ئامېرىكا خەلقى نامىدىن نازاربايېفنىڭ قايتىدىن قازاقىستان پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيىنىڭ كۈچىيىشى ھەم رايوننىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زىممىسىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەلۋەتتە، شۇنى قىستۇرۇش كېرەككى، ئامېرىكا ئىزچىل ھالدا رايوننىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە، ئەمما، خىتاي ، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى ياخشىلاش ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. شۇڭلاشقا، قىرغىزىستان دېموكراتىك ئۆكتىچى رەھبىرى رامىزان دىرىلدايېف خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى " ئىنسان ھوقۇقىنى بۇزغۇچىلار كۇلۇبى" دەپ ئاتىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.