
بىز بۇرۇنقى پروگرامىمىزدا سىلەرگە 200 يىل بۇرۇن تۈركىيىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادى بولغان ئادىل ئۈستۈنتاغ ئەپەندىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. ئادىل ئۈستۈنتاغ ئەپەندى تۈركىيىدە Green Park مېھمانسارايلار زەنجىرىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ھازىر 5- مېھمانسارىيى ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ يەنە ئاپتوموبىل لامپىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر زاۋۇتىمۇ بار بولۇپ، تۈركىيىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچىلاردىن بىرىدۇر.
ئادىل ئەپەندىمنىڭ قىزى نىھال ئۈستۈنتاغ بولسا شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ ئەنقەرەگە كەلگەندە رادىئومىزنى ئالاھىدە زىيارەت قىلدى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. بىز نىھال ئۈستۈنتاغھ خانىمنىڭ رادىئومىزغا كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك نىھال خانىم، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق؟
نىھال خانىم: سىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن. سىلەر بىلەن تونۇشۇش مەن ئۈچۈن بۇيۇك بىر شەرەپ ۋە بەخىت. مەن 1975-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدۇم. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنى پۈتتۈردۈم. 10 يىلدىن بۇيان ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئىشلەۋاتىمەن. 3 يىل مالىيە ۋە بانكىلاردا ئىشلىگەن ئىدىم، كېيىنكى 10 يىلدىن بەرى دادامنىڭ يېنىدا ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدا ئىشلەۋاتىمەن. بىر دادىنىڭ يېنىدا ئىشلەشنىڭ قىيىنچىلىقى ھەم ئاسانلىقى بىلەن يولۇمغا داۋام قىلىۋاتىمەن.
ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك نىھال خانىم، شىركىتىڭىزنىڭ ئىشلىرىدىن بىزگە مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟
نىھال خانىم: بىزنىڭ ئىستانبۇلدا 3، كوچائەلى ماشۇكىيەدە بىر بولۇپ، جەمى 4 مېھمانسارىيىمىز بار. ئادەتتە شەھەر مېھمانھانىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىمىز. بىرىنجى مېھمانھانىمىز 1995-يىلى ئىستانبۇلنىڭ مەركىزى تاكسىمدە باشلىغان. بۇ ساھەگە كىرىشىمىز رەھمەتلىك جۇمھۇر رەئىسى تۇرگۇت ئۆزەلنىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن بولغان، چۈنكى ئۇمۇ مالاتيالىق ئىدى. 2001-يىلى ئىككىنچى مېھمانىمىزنى ئىستانبۇلنىڭ مەرتەر دېگەن يېرىدە ئاچۇق. بۇ يەردە چوڭ يىغىن زاللىرى، تەنتەربىيە كۇلۇپلىرى، ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك مەركەزلىرى بار. بۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك خەلقئارالىق ئايرودرومغا يېقىن بولۇشىدۇر. 2003- يىلى ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا ياقىسىدىكى بوستانجى دېگەن يەرگە يەنە بىر 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا سالدۇق. 4-مېھمانھانىمىز ئىستانبۇلغا بىر سائەتلىك يول بولغان ئىزمىت كوچائەلىدە تاغقا سېلىنغان مېھمانسارايدۇر. بۇ يەر كار تېيىلىش مەركىزى بولۇپ، 12 ئاي بويىچە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ يەر تاغ بېشىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ پۇتۇن گۈزەللىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مېھمانھانىغا بارا بارمايلا بۇرنىنغىزغا قەلەمپۇر ۋە جىگدە پۇراقلىرى پۇراشقا باشلايدۇ. ئۇ يەردە قىشتا قار تېيىلىشقا، ئارشاڭغا كىرىشكە بولىدۇ. يازدا بولسا تەنتەربىيە تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا، دالا تامىقى قىلىشقا، ساپ ھاۋا يېگىلى بولىدۇ. ماشۇكىيە تېغى دېمەك، ئاشىق مەشۇقلار تېغى دېمەكتۇر. شۇڭا بۇ يەر تولىمۇ رومانتىك. دەم ئېلىش ۋە ساياھەت ئۈچۈن بەكمۇ ئۇيغۇن. بۇ يەردە چوڭ ۋە كىچىك تىپتىكى يىغىن زاللىرىمىز بار. شۇڭا بۇ يەردە ھەرخىل يىغىن ئېچىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر مېھمانلىرىمىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
ئەركىن تارىم: سىز بۇ شىركەتلەر گۇرۇھىدا نېمىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيسىز؟

نىھال خانىم: مەن بىرىنجى دەرىجىدە مەسئۇل بولغان 4 بۆلۈم بار. بىرىنجىسى ئېلان ۋە خەلك بىلەن مۇناسىۋەتلەر، ئىككىنجىسى بىلىم ۋە تېخنولوگىيە، ئۈچۈنچىسى، مالىيە، تۆتۈنمجىسى خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش، ئۇلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. ھەركىمنىڭ تالانتىغا قاراپ تۇرۇپ ئىش بېرىش بەك مۇھىم. كىشىلەرنى قابىلىيىتىگە قاراپ تۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. بۇ خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئارتتۇرۇشتا بەك مۇھىم.
ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك نىھال خانىم، دادىڭىز ئادىل ئۈستۈنتاغ بىلەن ئېلىپ بارغا ن سۆھبىتىمىزدە ئۇ بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە ئىگىز بىر تاغ بولغاچقا فامىلىسىنىڭ ئۈستۈنتاغ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. سىز بۇلارنى بىلەمسىز؟
نىھال خانىم: ئەلۋەتتە بىلىمەن. ئۇ يەرلەر مېنىڭ ئەسلى تۇپراقىلىرىم، مەن كەلگەن تۇپراقلار. ئۇ يەرگە بارغان بولسام تولىمۇ مەمنۇن بولاتتىم. مېنىڭ كۆزۈم تۈركلەرگە نىسبەتەن بىراز كىچىك. شۇڭا ئۇلار بىر قاراشتىلا مەنىڭ ئۇ يەرلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالىدۇ. ئانا تۇپراقلىرىمىزنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئاما جەمەتىم ھەققىدە جىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، ئىزدىنىش پۇرسىتىم بولمىدى. ئۇ يەرلەرنى بېرىپ چوقۇم كۆرىمەن. قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.
ئەركىن تارىم: بۈگۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. سىز بىلەن تونۇشۇشنى ئارزۇ قىلغانلار سىز بىلەن ئالاقە قۇرسۇنمۇ؟
نىھال خانىم: مەن بۇ يەردىن ھەممىسىگە سالام يوللايمەن. ئاللاھ ئۇلارنى ئوز پاناھىدا ساقلىسۇن. ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم. قاچان تۈركىيىگە كەلسە، ئىستانبۇلغا يولى چۈشسە مەنى ئىزدىسە بولىدۇ. مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم:
ئارقىلىق ياكى
ئارقىلىق ماڭا FAX يوللىسا بولىدۇ. مەن چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىمەن.
ئەركىن تارىم: ئەڭ ئاخىرىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا نىمە دېمەكچىسىز؟
نىھال خانىم: سىلەرنى تونۇغانلىقىمدىن بەك مەمنۇن بولدۇم. ھەممىڭلارغا ھۆرمەتلىرىمنى ۋە سالاملىرىمنى يوللايمەن. ھەممەيلەننى بۇ يەردە كۈتىمەن. مەنمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوقۇم ئۇ يەرلەرگە بېرىپ قېرىنداشلىرىم بىلەن يۇز كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.