نورۋېگىيىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر قىز نىلۇفەر


2006.12.22

1949 - يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تومۇر تاپىنى ئاستىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەت ئىمىن بۇغراغا ئوخشاش پېشىۋالىرىمىز، "ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ" چەتلەردە ئۇيغۇر دەۋاسىنى باشلىغان ۋە پۈتۈن ھاياتىنى بۇ مۇقەددەس دەۋا سەرىپ ئەتكەن ئىدى. مانا بۈگۈن ئەجداتلىرىمىز باشلىغان بۇ بۈيۈك دەۋا كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ دۇنياغا كەڭ تونۇلۇشقا باشلىدى.

ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلىشى ۋە تېخىمۇ كۈچىيىشىدە ئەلەۋەتتىكى دەۋا ئىشلىرىمىزغا باش بولغان يەتەكچىلىرمىزنىڭ، تەشكىلاتچى-تەرغىباتچىلىرىمىزنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ پەۋقۇلئاددە زور. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئەگەشكەن، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى ۋىجدانى بۇرچىنى تونۇپ، دەۋا ئىشلىرىغا كۇچ قوشقان، تۈرلۇك يوللار بىلەن ئۇن-تۈنسىز پىداكارلىق كۆرسىتىپ كەلگەن غۇرۇرلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ ئەجىر ۋە توھپىلىرىمۇ توۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

ھازىر نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان نىلۇپەر دەل ئەنە ئەشۇنداق دەۋا ئىشلىرىمىزغا ئۆزىنى ئاتىغان غۇرۇرلۇق ياشلىرىمىزدىن بىرسى. يېشى ئەمدىلا 20 دىن ھالقىغان نىلۇپەر نورۋېگىيىدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىمقى نامايىشتا بولسۇن ياكى باشقا پائالىيەتلەردە بولسۇن ھەمىشە سەپنىڭ ئالدىدا. بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۇنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوسلو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق نامايىش ۋە كوچا يۈرۈشىدە، ئۇ ئۆزلىگىدىن بىرمۇنچە ئەجىر قىلىپ ياساپ چىققان قارا گۈلچەمبىرەك خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا قويۇلۇپ ۋەتەنداشلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۇردى.ئۇ يەنە نورۋېگىيىگە كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر يىل بولىشىغا قارىماي، نورۋېگىيە تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ نورۋېگىيە تىلىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ ماقالە يېزىپ نورۋېگىيە گېزىتىدە ئېلان قىلدى. ئۇندىن باشقا نىلۇپەر يەنە ۋەتەن –مىللەت، مىللى غۇرۇر ۋە ئەدەپ ئەخلاق تېمىسىدا ئۆتكۈر شېئىرلارنى يېزىپ، تۈرلۈك سورۇنلاردا دىكلاماتسىيە قىلىپ جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.

بىز نىلۇپەر قىزنىڭ ۋەتەن-مىللەت ھەققىدىكى پىكىر-چۈشەنچىلىرى، غايە-مەقسەتلىرى، شۇنىڭدەك مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرىغا ئېيتىدىغان تەۋسىيە ھەم تەلەپلىرى بىلەن چوڭقۇرراق تونۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنى بىۋاستە زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.