رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە


2007.10.24

ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندىن بۇيان غۇلغۇلا قوزغىغان ، " نېمە ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكىلەرگە نوبىل مۇكاپاتى بېرىلمەيدۇ" دېگەن تېما ئۈستىدە شۇنىڭدەك خىتايلارنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە باشقۇرماسلىق، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ھەمدە خىتايدا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە يارىتىش جاسارىتىنىڭ كامچىللىقى قاتارلىق ئامىللار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

بۈگۈن، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 3 يىلدىن بۇيان نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلىشىدىكى تۈپ سەۋەب ھەمدە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايانلىرىنى سىلەرگە سۇنىمىز.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.