ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى


2005.03.21

noruz3.jpg
رابىيە قادىر خانىم (سول) نورۇز كېچىلىكىدە. RFA

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى، ئامېرىكىدىكى ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ تەييارلىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيا شتاتىدىكى جورجى مەيسون ئۇنۋەرسىتېتىدا نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلەش سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىگە بوستون ۋە نيو-يورك شەھەرلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار شۇنداقلا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 200 يېقىن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. مەزكۇر سەنئەت كېچىلىكىگە تېخىمۇ ھاياجان ۋە شاتلىق قاتقىنى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بولدى.

رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىكتە نورۇز ئۆتكۈزگەنلىكىدىن ناھايىتى خوشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقانلارغا رەخمىتىنى بىلدۈردى.

سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلىكىنىڭ رەئىسى نۇري تۈركەل ئەپەندى، بۇ قېتىملىق نورۇزنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوش خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىپ، مېھمانلارنىڭ كەلگەن قەدىمىگە رەخمەت ئېيتتى.

"نورۇز بايرىمى" سەنئەت كېچىلىكىدە، ياش - ئۆسمۈر سەنئەتكارلارلار تەييالىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تۈسى ئالغان تۈرلۈك سەنئەت نومۇرلىرى، كېچىلىككە قاتناشقان ھەر بىر كىشىنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.