قىرغىزىستاندا نورۇز بايرىمى تەبرىكلەندى

0:00 / 0:00

21-مارت كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتىكى ماناس قىرغىز – تۈرك ئۇنۋەرسىتېتىنىڭ زالىدا نورۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەكتەپ تاملىرىغا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايراقلىرى ئېسىلغان، 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان نورۇز بايرىمى پائالىيىتى داۋامىدا، مەزكۇر مەكتەپ مەسۇللىرىنىڭ تەبرىك سۆزلىرىدىن كېيىن كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار سەنئەت نومۇرلىرىنمى كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.