خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش ھەرىكىتى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە
2008.03.27
2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئىلىگە 24- مارت گرېتسىيىنىڭ ئولىمپىيە تېغىدا ئوت تۇتاشتۇرۇلۇپ مەزكۇر مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىمۇ باشلىنىپ ئارىدىن 4 كۈن ئۆتتى. مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئېغىر نۇقسانلار ۋە خىتاي 14- مارتتىن بۇيان تىبەتتە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى، ئولىمپىيە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسىمى مەيدانىدىلا باشلانغان ھەمدە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرى ئولىمپىك ھالقىسىنىڭ ئورنىغا بەش دانە كويزا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قارا بايراقنى لەپىلدىتىپ بۇ مۇراسىمغا توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى.
نامايىشچىلار "خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىگە ئەرزىمەيدۇ"
بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى مەزكۇر ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئەگىشىپ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 27- مارت پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەشئەل گرېتسىيىنىڭ سالونىكا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە بۇ پائالىيەت تىبەتنى قوللىغۇچى نامايىشچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى گرېتسىيىلىكلەر ئىكەن. ئۇلار قوللىرىدا "خىتاي ئولىمپىك مەشئىلىگە ئەرزىمەيدۇ" دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. نامايىشچىلارغا 50 كە يېقىن ساقچى كۆز تىكىپ تۇرغان.
مەشئەل ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىللىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن
مەشئەل 30 - مارت يەكشەنبە كۈنى 1896 - يىلى تۇنجى ھازىرقى زامان ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلانغان پاناتېنىئان تەنتەربىيە مەيدانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ئۇيۇشتۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدىكەن.
ئالدىن مۆلچەرلىنىشىچە، ئولىمپىك مەشئىلى، 9- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا يېتىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، مەشئەل ئامېرىكىدىكى بىردىن - بىر توختاپ ئۆتىدىغان شەھەر سانفرانسسكو شەھىرىگە كەلگەندە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىللىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئېتىبار بەرمىگەننى ئاز دەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان مەسئۇلىيەتسىز سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتماقتا ئىكەن.
" خىتاي ھۆكۈمىتى دارفۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوتىنى قەتئىي ئۆچۈرۈشى كېرەك"
خەۋەردە دارفۇر بىرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر باياناتچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق كىشىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتىدىغان لىنىيە ئۈستىدە نامايىش قىلىش تەييارلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار " خىتاي ھۆكۈمىتى دارفۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئوتىنى قەتئىي ئۆچۈرۈشى كېرەك" دېگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى نامايىشقا ئېلىپ چىقىدىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سانفرانسسكو شەھەر ھۆكۈمىتىگە مەشئەلنىڭ مەزكۇر شەھەردىن ئۆتۈش لىنىيىسى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ كۆپ قېتىم تېلېفون ئۇرغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە تېخىچە ئېنىق بىر جاۋاب قايتۇرمىغان بولۇپ، سانفرانسسكو شەھىرىنىڭ بۇ قىلمىشى ئامېرىكا ۋە خەلقئارانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
"خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگىچە سەزگۈر مەسىلىدىن ئاسانلىقچە ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلماسلىقى كېرەك"
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سانفرانسسكودىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كىچىكلىتىش ئۇچۇن ئالدىن پىلانلانغان 13 كىلومېتىرلىق ئولىمپىك يەتكۈزۈش مۇساپىسىنى 10 كىلومېتىرغا قىسقارتقان.
21مىڭ نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتنىشىدىغان ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىگە يەتكىچە 21 دۆلەتتە ھەمدە مۇشۇ دۆلەتلەرگە قاراشلىق 134 شەھەردە توختاپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئالدىمىزدىكى تۆت ئاي ئىچىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتمىگەن نارازىلىق ۋە توسقۇنلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
بالتىمور قۇياشى خەۋەر تورىدا، بۇ قېتىملىق مەشئەل يەتكۈزۈش ھەرىكىتىگە بولغان قارشىلىقلارنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنلىكى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش ھەرىكىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇقنى چۆرىدىگەن نۇرغۇن قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىلىپ: "خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگىچە بۇنداق بىر سەزگۈر مەسىلىدىن ئاسانلىقچە ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلماسلىقى كېرەك" دېيىلگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە تېررورىزم جىنايىتى ئارتىشقا قەدەم باسماقتا
- نامايىشچىلار ئافېنادىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى يېقىش مۇراسىمىدا خىتايغا قارشى كاشىلا چىقىرىپ ھەيۋە كۆرسەتتى
- ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ دارامسالا زىيارىتى
- ۋاڭ لىشوڭ: نامايىش قىلىۋاتقانلاردىن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ غەزىپى كۈچلۈك
- خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىغا دۇچ كەلدى
- گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن تەقىپلەشلەر داۋاملاشماقتا
- خىتاينىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يېڭى مۇلاھىزىلەرگە يول ئاچتى
- " ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى" نىڭ سىر پەردىسى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ راستلىقىغا گۇمان پەيدا قىلدى
- نورۋىگىيىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچى تونۇلماقتا
- مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلىكلەر ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ھىندىستاندا ئۆتكۈزمەكچى
- ئولىمپىكنى كىم سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ؟
- تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شەرقىي تۈركىستانچىلارغا باغلىدى
- ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئادەم سانى ساختا ئېلان قىلىنماقتا