خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش راسخوتى بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە


2005.07.18

مۇستەقىل تەشكىلات مائارىپ سىياسىتى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ دۇنيادىكى 16 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇتلەق سان بويىچە ھېسابلىغاندا، دۇنيادا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەت ياپونىيە بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا يېڭى زىللاندىيە ۋە ئەنگىلىيە ئىكەن. لېكىن يىللىق كىرىم بويىچە ھېسابلىغاندا، خىتايدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر يىلى تۆلەيدىغان ئوقۇش ھەققى ھازىرقى زامان ئالىي مەكتەپ چىقىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ياپونىيىدىكى ئوقۇش ھەققىنىڭ 3 ھەسسىسىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن. چۈنكى يىللىق كىرىمى 31 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان ياپونىيە خەلقى تۆلەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى خىتاي پۇلىغا سۇندۇرغاندا 110 مىڭ يۈئەن بولسا، يىللىق كىرىمى 1000 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيدىغان خىتايدا، كىشىلەرنىڭ ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن تۆلەيدىغان پۇلى 10 مىڭ يۈئەندىن ئاشىدىكەن. يەنى يىللىق كىرىمى خىتايدىكىلەردىن ئوتتۇز نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان ياپونىيە خەلقىنىڭ تۆلەيدىغان ئوقۇش ھەققى، خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى بويىچە ھېسابلىغاندا ئاران 3550 يۈئەن ئەتراپىدا ئىكەن.

ئادەمنى چۆچۈتكىدەك ئوقۇش ھەققى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى ھەر يىلقى مائارىپ يېتىشتۈرۈش تەننەرقىنىڭ 25 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك" دېگەن بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، تەبىئىي پەن ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار يىلىغا كۆپ بولغاندا 3750 يۈئەن تاپشۇرۇش كېرەك ئىكەن، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇيدىغانلار بولسا 3000 يۈئەن ئەتراپىدا تۆلىشى كېرەك ئىكەن.

لېكىن خىتاي مائارىپ كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ ھېسابلىشىچە، ھازىر خىتايدا تەبىئىي پەن ئوقۇغانلارنىڭ يىلىغا تۆلەيدىغان ئوقۇش ھەققى 15 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇيدىغانلارنىڭ تۆلەيدىغىنى يىلىغا 12 ياكى 13 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا بولغان. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى بەلگىلىمىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ، مەزكۇر بەلگىلىمە ئوقۇش ھەققىنى تۆۋەنلىتىشتە ھېچقانداق ئەمەلىي رول ئوينىمىغان.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى "ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى تۈزۈمى" نى بېكىتكەندىن بۇيانقى 20 يىل ئىچىدە، ئوقۇش ھەققىنىڭ ئۆرلىشى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك ھالەتكە يەتكەن. مەسىلەن، ئەينى چاغدىكى يىللىق ئوقۇش ھەققى 200 يۈئەن بولغان بولسا، ھازىر 5000 يۈئەندىن 10000 يۈئەنگىچە بولۇپ، 89 - يىللىرىدىكى ئوقۇش ھەققىغە سېلىشتۇرۇلغاندا، 25 ھەسسىدىن 50 ھەسسىگىچە كۆپەيگەن. بۇ 20 يىلدىن بۇيان خەلقنىڭ يىللىق كىرىمى ئەينى چاغدىكىدىن پەقەت 4 ھەسسە ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۆرلىگەن ئوقۇش ھەققى ئۇنىڭدىن 10 نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر بۇ خىل يۇقىرى ئوقۇش ھەققىگە ئىشىنالايدىغانلار پەقەت 7.5٪ نى ئىگىلىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قېلىشمايدۇ

رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە كېلىۋاتقان تېلېفونلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققىمۇ يىلدىن - يىلغا ئۆرلىمەكتە ئىكەن. مەسىلەن، بەلگىلىمىدە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش ھەققى 3000 - 4000 يۈئەن دەپ كۆرسىتىلگىنى بىلەن، ياتاق پۇلى، ئۇ پۇل، بۇ پۇل دەپ ئاخىرىدا يەنىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆلەيدىغان پۇلى 10000 يۈئەنگە بارىدىكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش توغرا كەلسە، ئوقۇش ھەققى 12 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ - بۇ پۇللار بىلەن قوشۇلۇپ، 20000 يۈئەنگە يېتىدىكەن،

دېھقانلار بالىلىرىنى قانداقمۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتالىسۇن!

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 2622 يۈئەن بۇلۇپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولغان.

دېمەك، ئادەتتىكى بىر دېھقان ئائىلىسى بىر يىل يىمەي -ئىچمەي پۇل يىققاندىمۇ، بالىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ھازىر دېھقان ئاتا -ئانىلارنىڭ ئۆز بۆرىكىنى سېتىپ بالىسىنى ئوقۇتىدىغان، ئوقۇتالمىغانلار زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىدىغان ئەھۋاللار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆزىمۇ، "قان – ياشقا بويۇلغان ئالىي مەكتەپ" ناملىق ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھەققى توغرىسىدا بېكىتكەن سىياسەتلىرىنى ئاستىرتتىن مەسخىرە قىلغان. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.