ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00
orxan-erkin.jpg
تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئورخان قاۋۇنچۇ ئەپەندى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. RFA

سابىق پارلامېنت ئەزاسى، تۈركىيە بۇيۇك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئورخان كاۋۇنچۇ ئەپەندى بىلەن تۈرك دۇنياسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ھۇسەنجان جەلىلنىڭ ئوزبەكىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھۆرمەتلىك ئورخان كاۋۇنچۇ ئەپەندى، سىزنىڭ ئەسلى تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق؟

مېنىڭ بوۋىلىرىم تۈركىستاننىڭ فەرغانە ۋادىسىدىن كەلگەن ئىكەن. بوۋام 1870-يىللاردا ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككە مۇكەررەمگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە ئۆزبېكلەر مەدرىسىدە مۇدەررىس بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. 1917 - يىلى مەدىنە ئىنگلىزلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن بوۋام ئوسمانلى ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە تۈركىيىگە كېلىپ ئادانا شەھىرىنىڭ ئوسمانىيە دېگەن يېرىگە يەرلەشكەن ئىكەن. مەنمۇ ھەم ئۇ يەردە تۇغۇلدۇم. ھازىر تۈركىيىنىڭ چۇكوروۋا دېگەن يېرىگە جايلىشىپ قالغان ئۆزبېكلەر تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا.

ھۆرمەتلىك ئورخان كاۋۇنچۇ ئەپەندى سىلەر 2 - ئەۋلات تۈركىستانلىقلار ئىكەنسىلەر. ئەمما ھەممىڭلار ئۆزبېكچە بىلىدىكەنسىلەر. بۇنى قانداق ساقلاپ قالدىڭلار؟

مەن تۈركىيىدە چوڭ بولغان 2 - نەسىل بولىمەن. بىز بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇق. ئەمما ئاتا ئانىمىز ئۆيدە پۈتۈنلەي تۈركىستان تاماقلىرىنى قىلاتتى، بىز ئۆيدە تۈركىستان تاماقلىرىنى يەيتتۇق. ئۆيدە مانتا پولو يەيمىز، قۆچۈرە ئىچىمىز. بوۋىلىرىمنىڭ پەرغانىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن خەت ئالاقە قىلغانلىقىنى خاتىرلەيمەن. ئۇلاردىن جاۋاپ كەلگەنلىكىنىمۇ بىلەتتىم. ئەمما 1945-يىلىدىن ئېتىبارەن ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. 1990- يىلى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن ئالاقە قۇردۇق. تۇققانلارنى تېپىپ قايتىدىن جەم بولدۇق.

ھۆرمەتلىك ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى، سىز پارلامېنت ئەزاسى ۋاكتىڭىزدا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ئەنقەرەدە چاقىرىلغان ئىدى. خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ھېچقانداق پارلامېنت ئەزاسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىشقا جاسارەت قىلالمىغان ۋاقتىدا سىز ئۇلارنى قوبۇل قىلغان ئىدىڭىز. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پۇتۇن پائالىيەتلىرىدە ھەم سىز بار. سىزنىڭ بۇ سويگىڭىز قانداق پەيدا بولغان؟

بۇ ئائىلەمدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بالىلىق ياشلىرىمدىن تارتىپلا ئائىلەمدە تۈركىستان ئۇقۇمى بار ئىدى. مەسىلەن، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزبېك دەپ قارىمايىتتۇق. تۈركىستانلىق دەپ بىلەتتۇق. كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتتا باشلىغان ۋاقتىمدا كىشىلەر ماڭا تۈركىستاننىڭ نەرىدىن، سەن ئۆزبېكمۇ، قازاقمۇ ياكى ئۇيغۇرمۇ، دەپ سورىغان ۋاقتىدىلا ئاندىن مەن ئوزەمنىڭ پەرغانىلىك بولغانلىقىمنى ۋە ئۆزبېك ئىكەنلىكىمنى بىلگەن ئىدىم. بولمىسا مەن ئۆزەمنى تۈركىستانلىق دەپ بىلىمەن. ھېلىھەم شۇنداق دەپ قارايمەن. مەن ئۈچۈن تۈركىستان بۇيۇك بىر جۇغراپىيە. ھەممىسى بىر مىللەت. بىر قېرىنداش.

ھۆرمەتلىك ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى، سىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۈنكى ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر كۈنى بولماي بىر كۇن مۇستەقىللىقىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم ھېچبىر زامان ئاجىزلىمىدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنىڭ داۋاسى ئەمەس، پۇتۇن تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋە ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ داۋاسى. پۇتۇن دۇنيا دۆلەتلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان سىياسەتلىرىنى كۆرۈشى، بىلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك. خىتاي پەقەت نوپۇسى بىلەنلا دۇنيا ئۈچۈن بىر خەۋپ. ئۇلار ئەزان ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپ چىقارغان سۈپەتسىز ماللىرى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا پۇتۇن دۇنيا دۆلەتلىرى خىتايدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى كېرەك. مەن بۇ كۆز قارىشىمنى 1995-يىللاردا پارلامېنت ئەزاسى بولغان ۋاقتىمدىن تارتىپ ھەر يەردە بايان قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

ھۆرمەتلىك ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى، كوممۇنىست رۇسلار ئۆزبېكىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئۆزبېكلەر ئۇيغۇر دىيارىغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن ئىكەن. ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارغا قۇچاق ئاچقان ئىكەن. بۈگۈن بولسا ئۆزبېكىستان ھۈسەنجان جېلىلنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. سىز بىر ئۆزبېك بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

ھۈسەيىن جېلىل ھۇدايىم بۇيرىسا رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئۆزى گىراژدانى بولغان دۆلەتنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن ئۆلۇم جازاسىغا ئۇچرىماستىن قويۇلۇپ بېرىلەر. يېڭى مۇستەقىل بولغان جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلار ئاستىدا سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇ يېڭى مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ بەزى قارارلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما بۇ خىل ئىشلار ۋاقىت بىلەن تۈزۈلىدۇ. شۇنىمۇ بىلىشىمىز لازىم، مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا كوپ ياخشى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. مەن بولسام ئۇنداق قىلمىغان بولاتتىم. ئەمما ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىرقى رەھبەرلىرى دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىگە قانداق قارايدۇ، ئۇنى مەن بىلمەيمەن.