ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تېمىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
2006.07.26
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىكى ئاساسى تېما قىلىنغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى ستىۋېن مانن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك گۇرۇھنىڭ ھەرىكىتى، گەرچە بەزىدە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتىگە خىرىس قىلسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئۇلاردىن زىيادە ئەندىشە قىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى. ستىۋېن ماننىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە بۇ دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن NATO ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار نېفىت ئېنېرگىيىسىگە باي بۇ دۆلەتلەرنىڭ غەرب بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا يىتىم قالدۇرۇش نىيىتى بار
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسى، ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن يىتىم قالدۇرۇش نىيىتى بار.
سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېيبون خىزمەت بىناسىدا چاقىرىلغان بۇ يىغىننى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلېنا روس- لىتېنەن خانىم يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تۆۋەن كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، جوڭگو ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ يىل 6 - ئايدا چاقىرىلغان شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىغا ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنەجادنى تەكلىپ قىلدى ۋە ئامېرىكا بۇ يىغىنغا تېررورىزمنى قوللايدىغان بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى "قوللىمايمىز،" دەپ بايانات ئېلان قىلغان.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتىقىدا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلېنا روس- لېتىنەن، گۇۋاچىلاردىن ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئېنېرگىيە مەنپەئەتى، بولۇپمۇ "ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيىلىك ئوبيېكتى ۋە ئېھتىياجى" غا ئالاقىدار يېتەكچى پرىنسىپىنى سورىدى. ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى "رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسى، ھەربىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن يىتىم قالدۇرۇش نىيىتى بار،" دەيدۇ.
ليۇ شاۋجۇ: جوڭگو ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مەنپەئەتىگە رىقابەتچى بولۇپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلماقتا
لېكىن ئامېرىكىدىكى جوڭگو ستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى ليۇ شياۋجۇنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، جوڭگو بىلەن ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە ھەم ھەمكارلاشماقتا ھەم ئۆز ئارا تىركەشمەكتە.
ليۇ شاۋجۇ، "جوڭگونىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ، دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ يەر شارى نېفىت تەقسىماتىغا بېسىم شەكىللەندۈرسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھەر ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. جوڭگو ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مەنپەئەتىگە رىقابەتچى بولۇپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلماقتا،" دەيدۇ.
سەيشەنبە كۈنكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا شاڭخەيدىكى باشلىقلار يىغىنغا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنەجادنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقانلىقىنى تەكىتلىگەن ستىۋېن مانن، بۇ يىلقى باشلىقلار يىغىنى پرېزىدېنت ئەخمەدىنەجادنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماي، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي بازىلىرى مەسىلىسىدە 2005 - يىلدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قارىغاندا "نىسبەتەن ئىجادى ئىپادىگە يېقىنلىشىدىغان پوزىتسىيىدە بولدى،" دەپ كۆرسەتتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2005 - يىلى ئاستانىدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنى ئامېرىكىدىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى بازىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. قىرغىزىستان ئۆتكەن ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش توغرىسىدا ئامېرىكىغا تاپشۇرغان ئولتۇماتۇمنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكالىدى.
ئەگەر خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ئامېرىكا خىتايغا قارشى تۇرۇش يولىنى تاللىۋېلىشى مۇمكىن
جوڭگونىڭ ئىران ۋە ئافرىقىدىكى سۇدان قاتارلىق مەسىلىلەرگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر جوڭگو بۇ مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش يولىنى تاللىۋېلىشى مۇمكىن.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا قىرغىزىستانغا 150 مىليون دوللار ياردەم بېرىشنى ۋە بۇنىڭ 20 مىليونىنى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۈچۈن تۆلەشكە ماقۇل بولغاندىن كېيىن ئولتۇماتۇمنى قايتۇرۇۋالغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا، ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ يىللىق ئىجارە ھەققى ئۈچۈن قىرغىزلارغا يىلدا 2 يېرىم مىليون دوللار ئۆتەيتتى.
ستىۋېن مانن ۋە يىغىندا ئىسپات بەرگەن گۇۋاچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا زور نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردىكى مەۋجۇت ئەڭ زور توسالغۇ نېفىت توشۇيدىغان تۇرۇبا ۋە ترانسپورت ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى بولۇپ، 2001 - يىلى شىمالى كاسپىي دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغىچە تۇتۇشىدىغان 1000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى نېفىت تۇرۇبىسى ياسالغاندىن كېيىن ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولغان.
يىغىندا گۇۋاچىلار، ئەزاربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدىن تۈركىيىنىڭ جەيھان پورتىغىچە تۇتۇشىدىغان ۋە يېقىندا ئېچىلغان بۇ تۇرۇبا يولىنى بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر زور قەدەم، دەپ قارىدى. ليۇ شياۋجۇنىڭ قارىشىچە، جوڭگو بىلەن ئامېرىكا خېلى ۋاقىتلارغىچە بىر- بىرى بىلەن ئاشكارە دۈشمەنلەشمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئۇ، "جوڭگونىڭ ئىران ۋە ئافرىقىدىكى سۇدان قاتارلىق مەسىلىلەرگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر جوڭگو بۇ مەسىلىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش يولىنى تاللىۋېلىشى مۇمكىن،" دەيدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىياغا سەل قارىدۇق
ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ستىۋېن مانن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، "بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بىخەتەرلىك، نېفىت - تەبئىي گاز سانائېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات، دېموكراتىك ئىسلاھاتتىن ئىبارەت 3 نۇقتىغا تايانغان،" دەيدۇ. ستىۋېن ماننىڭ ئەسكەرتىشىچە، "قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى ئىسلاھات جەھەتتىكى ئىپادىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ ئاۋانگارد دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن دېموكراتىك ئىسلاھات پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن."
يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى گەرېي ئېكىرمەن، دېموكراتىيە مۇساپىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا بۇش ھۆكۈمىتى جاۋاپكار، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ " ئىراقتىكى بىتەلەيلىكى" بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نېرۋىسىنى چېچىۋەتكەنلىكتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا دىققىتىنى بۇرالمىغان. ئۇ، "ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش شۇئارى توۋلاۋاتقاندا بىز ئوتتۇرا ئاسىيانى كۆزىتىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە سەل قارىغانمىز،" دەيدۇ.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرىدىغان ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتىشى مۇمكىن
- خىتاينىڭ ئىران پرېزىدېنتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرغانلىقمۇ؟
- قۇرمانبېك باقىيېف ئامېرىكا - قىرغىزىستان ئىجارە ھەققى ئىختىلاپىدا تېز بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلدى
- قىرغىزىستان ئامېرىكىغا ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تاقاش توغرىسىدا تەھدىت سالدى
- باقىيېۋ ئامېرىكا ئارمىيە بازىسى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن
- قىرغىزىستان ئامېرىكىدىن ھەربىي بازىسىغا تۆلەيدىغان ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى زور
- قىرغىزىستاندا ئامېرىكىنى قوللاش نامايىشى يۈز بەردى
- ئامېرىكا تەلەپ قىلىنغان شارائىتتا، قازاقىستاندا ھەربىي بازا ئېچىشى مۇمكىن