مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقى- مۇستافا كامالدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە ( 1)


2007-05-22
Share

يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قىرغىزىستان سەپىرىدە پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن مەزكۇر ئىتتىپاق مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. پرېزىدېنت نازاربايېف ئۆزىنىڭ مەزكۇر غايىسىنى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى.

ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتقان غايە

مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ، سىياسىيونلىرى جۈملىدىن ئىقتىسادشۇناسلىرى رايوننىڭ جۇغراپىيىۋى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن چىقىش قىلىپ، بىر "گەۋدە" بولۇشنىڭ رايون خەلقلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، شۇنىڭدەك ھەر خىل شەكىلدىكى رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتلار، مەسىلەن مەركىزىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى دېگەندەك ھەمكارلىق شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ، رايوندىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى جارى قالدۇرۇلغان، ھەقىقىي يوسۇندا بىر يەردىن باش چىقىرىدىغان سىياسىي-ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئىشقا ئاشماي كەلدى.

نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەش بىلەن ئەگەر مۇنداق بىر ئىتتىپاق قۇرۇلسا، مەزكۇر رايوننىڭ ئۆزىنى يېمەك ئىچمەك، ئېنېرگىيە ۋە باشقىلار بىلەن تولۇق تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

نازاربايېف ئۆز تەشەببۇسىدا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق بازىرى، ئورتاق ئىقتىسادى شۇنىڭدەك ئورتاق پۇلى قاتارلىقلارغا ئىگە بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مەزكۇر ئىتتىپاق ئارقىلىق رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە باشقىلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى.

تۈركىي خەلقلەر ئىتتىپاقىنى كىملەر خالايدۇ؟ كىملەر خالىمايدۇ؟

نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسى قايتا تەشەببۇس قىلىنغاندىن كېيىن رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا سىياسەتشۇناسلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە بىر مەيدان مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك كۆز قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىشتى. بەزىلىرى بۇنداق بىر ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكى ۋە زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەشتى.

بۇنداق ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەنلەر تارىخىي جەريان ۋە جۇغراپىيىۋى سىياسىي مۇھىتتىن چىقىش قىلىپ، مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇسىيە، خىتاي، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ئىستراتېگىيىچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە مەنپەئەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنى تارىختىن بېرى خالىمىغانلىقى ۋە ھازىرمۇ ھەمدە كەلگۈسىدىمۇ خالىمايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ھەقىقەتەن، مەركىزىي ئاسىيا رايونى جۈملىدىن تۈرك دۇنياسىنىڭ خالىغان بىر شەكىلدىكى بىرلىككە كېلىشى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تۈركىي رەھبەرلىرىنىڭ غايىلىرى بولۇپ كەلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۇرسۇلتان ئەبىش ئوغلى نازاربايېفنىڭ "مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى" دېگىنى ئەمەلىيەتتە، تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەردىكى پەرق شۇكى، نازاربايېف " تۈركىي مىللەت" دېگەن ئېتنىك نامنى قوللىنىشنىڭ ئورنىغا خەلقئارادا ئورتاق ئىشلىتىلىۋاتقان جۇغراپىيىۋى ئاتالغۇ "مەركىزىي ئاسىيا"نى قوللانغان خالاس !

نازاربايېف بۇ ئىدىيىنىڭ تۇنجى ئىگىسى ئەمەس

ئەمەلىيەتتە، نازاربايېف بۇ ئىدىيىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئەمەس، مەزكۇر ئىدىيىنىڭ دەسلەپكى تەشەببۇسكارلىرىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئىزدەش مۇمكىن. ئىستانبۇلدا ئىلمىي خىزمەت قىلىدىغان مەركىزىي ئاسىيالىق مۇتەخەسسىس بەختىيار شاھنازاروف ئۆزىنىڭ " مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقى قۇرۇلامدۇ؟" ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك مەركىزىي ئاسىيادا تۈركلەر بىلەن تۇغقان خەلقلەرنىڭ ياشايدىغانلىقى، ئۇلار مۇستەقىل بولغان كۈنلىرى كەلگەندە تۈركىيىنىڭ ئۇلار بىلەن بىرلىشىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنجى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە ئۇ يەرلەردە تۇنجى قېتىم ئەلچىخانە قۇرغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرىدۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇلمىغان. سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۈركىيە بۇ يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورناتتى

بەختىيار شاھنازاروفنىڭ يېزىشىچە، 1992-يىلى، تۈركىيە باش مىنىستىرى تۇرغۇت ئوزال ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمدىكى ئىمزالىدى. نەتىجىدە، تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا مەدەنىيەت ، مائارىپ ، سودا-ئىقتىساد جەھەتلەردە قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىلغان.

تۈركىيە ھەر يىلى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مىڭلاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ كېلىپ تەربىيىلىدى. 1993-يىلى ئاپرىلدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى تۇرغۇت ئوزال مەركىزىي ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ئەزەربەيجانغا قاراتقان 12 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن" تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى "قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

" بىراق، -دەپ بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ- بەختىيار شاھنازاروف - تۇرغۇت ئوزال 17-ئاپرىل يەنى تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى تۇيۇقسىزلا ۋاپات بولىدۇ ھەمدە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، تۇرغۇت ئوزالنىڭ بۇنداق بىر ھەمدوستلۇقنىڭ قۇرۇلۇشنى خالىمىغان ۋە ياكى دۇنيا سەھنىسىدە مۇنداق يېڭى بىر ئىتتىپاقنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن قورققانلار تەرىپىدىن زەھەرلەنگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەر تارقالغان ئىدى.

بۇنىڭدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلى تۇرغۇت ئوزالنىڭ خانىمى - سېمرى ئوزال بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنى كۆرسەتتى. ئۇ، مەزكۇر زىيارەتتە ئېرى تۇرغۇت ئوزالنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان" .(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت