يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئون نەچچە ئورۇن بىرلىكتە "ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ھەمدە بالىلار باغچىلىرىنى بىخەتەر باشقۇرۇش "نىزامىنى تۈزۈپ چىقىپ ئېلان قىلدى. شۇنداقلا بۇ نىزام 1 - سېنتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنماقچى. بۇ نىزام ئارقىلىق مەكتەپلەردە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلىك ئامىللار ھەمدە ۋەقەلەردىن ئوقۇغۇچىلارنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش، پىسخىكىلىق كېسەللىك پەيدا بولۇش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە بېرىلىش نىسبىتى بارغانچە يۇقىرىلاپ، ئاتا - ئانىلار ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردا ئەندىشە قوزغىماقتا، ياش ئۆسمۈرلەر پەقەت قانۇن - نىزام ياكى تۈزۈملەر بىلەن باشقۇرۇشقىلا ئەمەس بەلكى ئائىلە، جەمئىيەت ھەمدە مەكتەپنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىشىگە، توغرا يېتەكلىشىگە، تېخىمۇ يېقىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە مۇھتاج بولماقتا.
يېقىندا ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياش، ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت ھەمدە مەكتەپتىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن سۆھبەتتە بولدى.