0:00 / 0:00
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن گېرمانىيىگە كەلگەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى گېرمانىيە ھاياتىنى باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ تەسىراتلارغا ئىگە بولغان. گېرمانىيە بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھاياتىنى سېلىشتۇرغان بۇ قىز ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان بەسىملىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، جەمئىيەتنى قاپلىغان سىياسىي ھاۋا كىلىمات ھەمدە ئائىلىلەرگە كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىملارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال ئوقۇش ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
