ئۆزبېك ھۆكۈمىتى پۇقرالارنى قىيىن- قىستاققا ئېلىش بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا


2005.09.27

2002 - يىلىدىن 2004 - يىلىغىچە ئۆزبېكىستاندا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن كىرەيگ ماررىي ئەپەندى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئەركىن ياۋرۇپا رادىئوسىدا مەلۇمات بېرىپ. ئۆزبېكىستاندا ئاز دېگەندە 10 مىڭ نەپەر سىياسىي ۋە دىنىي مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ. بۇ مەھبۇسلار ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتلارنىڭ 99% ئىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىش بىلەن ئاياقلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سوتتا ئاساسەن قارىلىنىپ جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. ئۇلار ھەممىسى ئۆزى ئىقرار قىلىدۇ. چۈنكى دەھشەتلىك قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئۆيلىرى ئۇلارنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ".

كىرەيگ ماررىي ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئۆزبەكىستاندىكى قىيىن- قىستتاققا ئېلىش ۋەزىيىتىنى ئوچۇق- ئاشكارا تەنقىد قىلغاندىن كىيىن. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىنىڭ ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە ماررىي ئەپەندى :ژۇرنالىستلىق ۋە يازغۇچىلىق قىلىدۇ.

ۋەھشىلارچە قىيناش

كىرەيگ ماررىي ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆزبېكىستاندا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلىدە. ئاۋازوف ئىسىملىك بىر مەھبۇسنىڭ. جاسلۇق تۈرمىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قاينىتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تارتىلغان رەسىملەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە. ئاۋازوفنىڭ تىرناقلىرى پۈتۈنلەي يۇلۇۋېتىلگەن ھەمدە باش تەرەپتىن قاتتىق ئۇرۇلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"مەن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈدۈم . ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە بىر ئۆكتىچىنىڭ سوتىغا قاتناشقانتىم. ئۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تېخىمۇ چۆچۈدۈم. مەن ئۇ سوتنىڭ جەريانىنى. پەقەت تېلېۋىزوردا كۆرگەن ناتسىيلارنىڭ سوتلىرىغىلا سېلىشتۇرالايمەن. ئۇنى كۆرۈشنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق".

ئىقتىساد ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدا

كۈرەيگ ماررىي يەنە ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كونتروللىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە. ئۆزبېكىستاندا يەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ بولۇپ. 60 % ئاھالىسى كولخوز دەپ ئاتالغان دۆلەت ئېتىزلىقلىرىغا باغلانغان.

"ئۆزبېكىستاندا. سىز ئۆز ئالدىڭىزغا كولخوزدىن ئايرىلالمايسىز. سىز 'مەن خىزمىتىمنى ياخشى كۆرمىدىم. بۇ خىزمەتنى قىلمايمەن. باشقا يەرگە بېرىپ يېڭى خىزمەت ئىزدەيمەن' دىيەلمەيسىز. سىز ئۇنى ئۆز ئالدىڭىزغا بىكىتەلمەيسىز. ھەتتا بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە بارماقچى بولسىڭىزمۇ چوقۇم رۇخسەت ئېلىش كېرەك. ئەگەر سىز كېۋەزلىكتە ئىشلەيدىغان بىر ئىشچى بولسىڭىز. ھەرگىز. ھەرگىزمۇ كېۋەزلىكتىن كېتىشىڭىزگە يول قويمايدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز بىر قۇل. قۇلدىن ھېچقانداق پەرقىڭىز يوق".

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە. ئېتىزدىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ. ئىشچىلار بەزىدە ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن. ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ كىچىككىنە شەخسىي جايلىرىدا ئۆستۈرگەن كۆكتاتلارغا تايىنىپ جان باقىدىكەن.

دىنىي كونتروللۇق

كۈرەيگ ماررىي ئەپەندى. ئۆزبەكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ " ئۆزبەكىستان ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ" دېگەن سۆزىنى بىر مۇبالىغە دەپ كۆرسىتىپ. ئۆزبەك خەلقىنىڭ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى:

" كۆپ قىسىم كىشىلەر ئەمەلىيەتتە دىن ھۆكۈمەتكە ئارىلاشمىغان بىر دۆلەتنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئېرىشىشنى تېخىمۇ خالايدۇ. ئۇلار بەش ۋاق ناماز ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتۇلۇپ. دۇمبالىنىدىغان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ."

ماررىينىڭ بىلدۈرىشىچە. ئىلگىرى كۈچلۈك قارىلاشقۇچى گۇرۇپپا بولغان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى گەرچە ھازىر تار دائىرىدە يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ. ئەمما ئۇنىڭ كۈچى كۆرۈنەرلىك ئەمەس ئىكەن.

مۇخبىرىمىز. ئەڭىلىيىنىڭ سابىق باش ئەلچىسى كۈرەيگ ماررىينىڭ تاشكەنتكە قاراتقان ئەيىبلەشلىرى ھەققىدە ۋاشىڭتوندىكى ئۆزبېكىستان ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ. ئەمما ئەلچىخانا باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. بىراق ئۇلار ئۆزبەكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە 2003 - يىلى ب د ت نىڭ قىيىن- قىستاققا ئېلىشقا قارشى ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى ۋەن بوۋىننىڭ دوكلاتىنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ دوكلاتتا. ئۆزبېكىستاندىكى " قىيىن - قىستاققا ئېلىش ۋە ناچار مۇئامىلىلەر" نىڭ سېستىمىلاشقانلىقى يەكۈنلەنگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.