ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تاقاشقا باشلىدى
2006.06.15

"ھازىر ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تاقاش ھەرىكىتىنى بارغانسېرى جىددىي ئېلىپ بارماقتا" دېدى ئامېرىكىدىكى ياۋرو-ئاسىيا فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئاندرېۋ ۋىلسون. ئۇ 8- ئىيۇن كۈنى ئەركىن ياۋروپا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۇيۇشتۇرغان يىغىنىدا ئۆزبېكىستاندىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇ يەردىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى مەيلى ئۇلار چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان بولسۇن ياكى مۇستەقىل تەشكىلات بولسۇن ھەممىسىگە بىر تۇتاش زەربە بېرىپ تاقاشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
قورا – قويۇق تاقاش
ھازىرغىچە تاقىۋەتكەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچىدە ھەتتا مۇزىيخانا باشقۇرۇش، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى ۋە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق ئويۇشمىسى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. ئاندرېۋ ۋىلسون مۇنداق دەيدۇ:
"قارىغاندا، ئۇلار ھەر قايسى شەھەرلەردىكى بارلىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تاقاشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا خىزمىتى يوق ئاياللارغا ئىش تېپىپ بېرىدىغان ۋە قايمۇقۇپ يۈرگەن ياشلارغا ياردەم قىلىدىغان تەشكىلاتلارمۇ بار ئىدى. شۇنداقلا بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئاممىۋىي ساغلاملىق ئىشلىرىنى قىلىدىغان بىر تەشكىلاتمۇ يېقىندا ھېچقانداق سەۋەبسىزلا تاقىۋېتىلدى".
ياۋرو-ئاسىيا فوندى جەمئىيىتىدىكى ئاندرېۋ ۋىلسون ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى بىر ئىشخانىسىنى مەجبۇرىي تاقاتقۇزغان. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قاراتقان بۇ باستۇرۇشىنى ئۆتكەن يىلىدىكى ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىن باشلاپ، خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىك تەشكىلاتلارغا مەبلەغ سېلىشىنى توساشقا تىرىشقان. شۇنداقلا ئۆزبېكىستان يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ نورمال مۇلازىمىتىگە دەخلى يەتكۈزگەن.
نۇرغۇن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار سەۋەبسىز تاقىۋېتىلگەن
ۋىلسون ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرو-ئاسىيا فوندى جەمئىيىتى ئۆزبېكىستاندىكى بۇ تەشكىلاتلارغا ياردەملىشىپ، بۇ ئورۇنلارغا قانداق قىلغاندا يېڭى بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىپ تاقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى ئۈگەتكەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ يەنىلا نۇرغۇن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار سەۋەبسىز تاقىۋېتىلگەن. ئاندرېۋ ۋىلسون مۇنداق دەيدۇ:
"بۇ ھەرىكەت نەتىجىسىدە، ئۆزبېكىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە بۇ يەردىكى بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان 39 ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنىڭ 23 ئىنى تاقاپ بولدى"
ۋىلسون ئەپەندى شۇ سەۋەبتىن ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاز دەپ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان خادىملارغا تۈرلۈك تەھدىتلەرنى سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستاننىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشتۇق. گەرچە بىز ئەلچىخانىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش ئىشخانىسىغا ئۇدا نەچچە كۈن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفوننى ھېچكىم ئالمىدى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى بوغقانلىقى بىلەن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشى تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇنداقلا ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەڭ ئېغىر دۆلەت دەپ ئەيىبلەندى.
ئىسلام كەرىموف شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرگەن
نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف خىتايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئورگاندىكى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەينى چاغدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىجان ۋەقەسىنى باستۇرۇشىنى قوللىغان دۆلەتلەردۇر. پەيشەنبە كۈنى يىغىندا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا 6 دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف يىغىندا ھەتتا ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بولغان ساداقەتمەنلىكى ۋە ئىشەنچىنى ئىپادىلەپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەغدىرى ۋە كەلگۈسىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يارىتىش يولىدىكى كۆرەشلىرىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئۈمىدسىز قاراپ، بۇ ئورگاننىڭ كەرىموفنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك باستۇرۇشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ۋە پارلامېنت ئەزاسى جاھانگىر مەمەتوف بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف شاڭخەيدە قىلغان سۆزىدىمۇ ئوچۇق قىلىپ، " غەربنىڭ دېموكراتىيە ئۇسۇلىنى بىزگە تېڭىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك" دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. ئوچۇقكى بۇنىڭدىن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى بولۇپمۇ چەتئەل پۇلى جۈملىدىن غەرب ئەللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان ھەر قايسى تەشكىلاتلارغا قاراتقان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېك ۋە قىرغىز سىياسىيونلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدىكى قاراشلىرى
- قىرغىزىستان خىتاي بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە پۈتۈشتى
- ئۇزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئوغلى ساختا پۇل ياساش بىلەن ئەيىبلەندى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى مەقسىتى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى
- ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق رەھبىرى ئەزەمجاننى قولغا ئالدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلار