ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئورنى ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت .ئۆزبېكىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەۋزەللىكى ئۇنى 19-ئەسىردىلا چار رۇسىيە، ئۇلۇغ بېرىتانىيە، مەنچىڭ ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي توقۇنۇش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان ئىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزبېكىستاننى مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەركىزى نۇقتىسى سۈپىتىدە قاراپ، تاشكەنتنى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن پايدىلىنىش نۇقتىسى قىلغان. ئۇنداقتا ئۆزبېكىستان ھازىر قانداق تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟
ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموپ ئۆزىگە خاس بولغان كوپ قۇتۇپلۇق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن 11-سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسىدە كوپ ئۆزگىرىش بولۇپ، بىر قاتار مۇرەككەپ جەريانلارنى باشتىن كەچۇردى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، رۇسىيە ، خىتاي ، تۈركىيە شۇنىڭدەك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇھىم دىپلوماتىك شېرىكلىرى بولۇپ، تاشكەنتنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تارىخى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇردى.
ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئالاھىدە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى تۈزدى، رۇسىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا بولدى. ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 15 يىلدىن بۇيان 200 خىل كېلىشىم تۈزۈلگەن بولۇپ، 2006-يىلى تاشكەنت –موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچى بولغان. مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىلا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن توققۇز قېتىم كۆرۈشكەن.
يېقىندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاق بىلەن تاشكەنت ئارىسىدا بەزىبىر ھەمكارلىقلارنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان تەرەپ ئارىسىدىمۇ بىر قاتار ئۇچرىشىشلار بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن پەيدا بولغان سوغۇقچىلىقىدا ئىللىش بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
بۇ ھەقتە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى جاھانگىر مۇھەممەد بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.