0:00 / 0:00
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا قورال چەكلىمىسى قويغانلىقى ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ توڭلىتىلغانلىق خەۋىرى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.
بۇ خىل جازانىڭ ئۆزبېكىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەمدە تۈركىيە - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى رولى توغرىسىدا تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى گۈرول فىراج بىلەن ئۆزبېك ژورنالىست ئەلىشىر ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.