
مۇستەقىللىق ئىنسانلارنىڭ تىللىرىدىكى مۇقەددەس سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر ئاتالغۇ بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ھەم سىياسىي كىملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان مەزمۇنلار يوشۇرۇنغان.
مۇستەقىللىق ئەڭ مۇقەددەس ئىبارە
بىر مىللەت ئۈچۈن مۇستەقىللىقتىن ئەلا ھېچ نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۆپلىگەن مۇستەقىل مەملىكەتلەر مەزكۇر سالاھىيەتلىرىگە ئېرىشىش يولىدا نۇرغۇنلىغان قۇربانلارنى بەرگەن. كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى شۇ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ سانسىزلىغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى ھەم ئۇلارنىڭ چەكسىز پىداكارلىقلىرى بەدىلىگە كەلگەن.
ئەمما، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا يەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى ئەمەلگە ئېشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە باشقىلار بىر-بىرلەپ مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا تىنچ يول بىلەن مۇستەقىللىققە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلگەن ئىدى. شۇ دەۋردە يەنە چېخسلوۋاكىيە يىمىرىلىپ، چېخ ۋە سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئايرىلدى. بىر قىسىم يۇگوسلاۋىيە جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ مۇستەقىللىق يولىغا ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردە ئۇزۇنغىچە قانلىق توقۇنۇشلار داۋاملاشتى.
بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرىكى 1-سېنتەبىردە ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولۇپ، بۇ يىل مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ئۆز مۇستەقىللىقىنىڭ 15 يىللىقىنى داغدۇغۇلۇق خاتىرىلىدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ مۇستەقىللىق كۈنىدە نۇتۇق سۆزلەپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۆز مۇستەقىللىقىنى قوغداشقا چاقىرىپ " ئۆزبېكىستان ھېچ قاچان باشقىلارغا تەۋە بولمايدۇ ۋە بويسۇنمايدۇ" دېگەن.
ئۆزبېكىستاندا مۇستەقىللىق ئىبارىسى سۇيىئىستېمال قىلىنماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى مۇخبىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا تايانغاندا، ئىسلام كەرىموپ " تاشكەنت شەھىرىدىكى شېھىدلەر مەيدانىدا سۆزلىگەن نۇقتىدا ياش ئەۋلادلارغا مۇستەقىللىق، خەلققە ساداقەتمەن بولۇشتەك مۇقەددەس تۇيغۇلارنى سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى، ۋەتىنىم، يۇرتۇم دەپ ياشاۋاتقان ئەۋلادقا ھېچ كىمنىڭ تاشقى تەسىرىنى ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گەرچە، ئۆزبېكىستاندا بۇ كۈنى داغدۇغۇلۇق بايرام قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، مۇستەقىللىق ئۆزبېكلەرگە نېمە بەردى؟ دېگەن سوئال ھەققىدە كىشىلەر ھەر خىل شەكىلدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۆزبېكىستانلىق مۇخبىر مالىك مەنسۇرنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، مۇستەقىللىقنى قوغداشنى تەرغىپ قىلىش ھازىرقى ھاكىمىيەتنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغدىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە.
نۆۋەتتە، غەرب مەملىكەتلىرى ئىسلام كەرىموپنى دىكتاتۇرۇلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بەرمىگەنلىكى، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىنىڭ كۈنسايىن خارابلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۆكتىچىلەرنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.
كۆزەتكۈچى باختىيار ئىسابېكنىڭ قارىشىچە، مۇستەقىللىق مەپكۇرىسى پەقەت مەۋجۇد ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن سۈيىستېمال قىلىنماقتا.
ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولسىمۇ، لېكىن خەلقى تېخى ئازاد ئەمەس
ھوقۇق قوغدىغۇچىسى سۇرئات ئىكراموۋنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولۇپ تۇرۇپ پۇقرالارنىڭ ئازاد ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ھۆكۈمەت تۈزۈملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يوق قىلىنىشى ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىق غايىسىگە زىت ئەھۋالدۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستانلىقلار مۇستەقىل بولسىمۇ، ئەمما، ھازىر ئۆزبېكلەر بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرىكى ئەھۋالدىن ئەغىر ياشىماقتا.
بەختىيار ئىسابېكنىڭ پىكرىچە، 15 يىللىق بۇ مۇستەقىللىق ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنى قوغدىمىدى، ئەكسىچە ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ تۇرمۇش كەچۈرۈشى تۈرلۈك خورلۇقلارغا ئۇچرىدى.
"تىنچلىققا ئېرىشتۇق دېگەن بىلەن رۇسىيە، قازاقىستان ۋە ياكى تاشكەنتتە مەدىكارچىلىق قىلىۋاتقان ئۆزبېكنىڭ كۆڭلىدە ۋە ياكى تەنلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە تىنچلىق بارمۇ؟" دەيدۇ بەختىيار ئىسابېك.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان سابىق ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى جاھانگىر ئەپەندىنىڭ پىكرى باشقىچە بولۇپ، ئۇ مەسىلىنى سىياسىي نۇقتىدىن كۆزىتىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام كەرىموپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە ئورنىنى ساقلاش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر قانداق شەرتلىرىگە كۆنىدۇ. ئۆزبېكىستاننى ھەقىقىي مۇستەقىل دېيىش قىيىندۇر.
قىرغىزىستاندا ئۆزبېكىستانغا قارىغاندا، دېموكراتىك ئەركىنلىكلەر بىراز كەڭرەك بولۇپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى جەھەتتە ئىلگىرىلەشلەر بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي جەھەتتە 15 يىللىق مۇستەقىللىقنىڭ يەنىلا قىرغىزىستان خەلقىنى مۇستەقىللىقتىن بەھرىمەن قىلدۇرالمىغانلىقى، قىسقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى سېغىنىش كەيپىياتلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە مۇنداق تىنچ ئاتا قىلىنغان مۇستەقىللىقنىڭ تولۇق قەدرىگە يېتىش كەيپىياتىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۈمىدۋار)