رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف، 13 - ماي كۈنى ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ چەت دۆلەتلەردە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە بۇنداق ۋەقەلەرنى تەشكىللەشتە ناھايىتى تەجرىبىلىك كىشىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
"ئازادلىق رادىئوسى" مۇخبىرى كىلىيەر بېگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە مۇداپىئە مىنسىتىرى سىرگى ئىۋانوف، كېرىموفنىڭ بۇ مۇددىئاسىنى قوللاپ- قۇۋەتلىگەن.
رۇسىيە: ئەنجان ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىنالا بىلەتتۇق
كىلىيەر بېگنىڭ ئاسىيا ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنستىرى ئىۋانوف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموفقا "رۇسىيە ئەنجاندىكى ۋەقەدىن ئالدىنئالا خەۋەر تاپقان . دەرۋەقە بىز ئەنجاندىكى ۋەقەنىڭ پىلانلانغانلىقىنى بىلەتتۇق. بۇ ۋەقەدە چەت دۆلەتلەرنىڭ قولى بارلىقى ئېنىق"، دېگەن .
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، كېرىموف بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى جەريانىدا، ئەنجاندىكى ۋەقەلەرنى قوزغىغان مىلىتانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى بازىلىرىدىن ئۆزبېكىستانغا ئۆتكەنلىكى ھەققىدە رۇسىيىنىڭ قولىدا ئېنىق مەلۇماتلار بارلىقىنى تەكىتلىگەن .
ھەربىي ھەمكارلىق
چارشەنبە كۈنى رۇسىيە مۇداپىئە مىنسىتىرى ئىۋانوف، رۇسىيىنىڭ مۇشۇ يازدا ئۆزبېكىستان بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىۋانوف رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەنجاندا يۈزبەرگەن ۋەقە تۈپەيلىدىن بۇ مانېۋىرنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆزبېكستاننىڭ مەركىزىي رايونىدا ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان مەزكۇر مانېۋىر، 1991 - يىلىدىن يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تۇنجى ھەربىي مانېۋىر ھىسابلىنىدىكەن .
رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قوللاشلىرىدىن جاسارەتلەنگەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف، غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتا پوزىتىسىسىنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇردى.
كېرىموفنىڭ غەرب ئەللىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى
ھازىرغىچە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەلەر ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەن كېرىموف، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپلا قىلماي، ئەنجاندىكى ۋەقەلەر ھەققىدە خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ، مەزكۇر تەشكىلاتنى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشكە تېرىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
كېرىموف شۇنداقلا، ئەنجاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ، يېقىندا ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ھەرىكەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەلەردىن بۇرۇنلا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەلەرگە جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان بىر قارار لايىھىسىنى تەييارلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى .
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۆزىنى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھىسابلايدىغان كېرىموف ، بۇ باياناتى بىلەن تۇنجى قېتىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەلەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلىغان.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئەنجاندىكى ۋەقە 13- ماي كۈنى ھۆكۈمەت ئەنجاندىكى 20 ئەتراپىدا سودىگەرنى رايوندىكى دىنچىلارغا ياردەم قىلغان دەپ سوتلىغاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەرنىڭ رايوندىكى بىر تۈرمە ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا قىلغان ھۇجۇمى بىلەن باشلاندى. ۋەقەنىڭ شاھىدلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن ، خەلق تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىشنى قانلىق باستۇرغان .
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە ئاساسلىق قىسىم تېررورچىلاردىن تەشكىل تاپقان 176 كىشى ئۆلگەن . لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ۋەقەلەردە 500 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ ھۆكۈمەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا نۇرغۇن ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلماقتا.
ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئەيىبلىشى
رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف، ئەنجاندىكى ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ غەرب دۆلەتلىرىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيىتتە، ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچى ئەرك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، مۇھەممەت سالىھ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق گېزىتى ۋال سترىت ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسدە، غەرب دۆلەتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى يىتەرلىك قوللىمايۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
ماقالىسىدە، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەلەرنى تيەنئەنمىندىكى قىرغىنچىلىققا ئوخشىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇھەممەت سالىھ، لېكىن ، تىيەن ئەنمىن قۇربانلىرىغا كۆرسىتىلگەن ھېسداشلىق ئەنجان ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارغا كۆرسىتىلىمىدى دېگەن .
ئۆزبېكىستاندا -1991 يىلى ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، پرېزىدېنت كاندىداتى بولغان مۇھەممەت سالىھ، كېيىنكى يىللاردا نەچچە قېتىملاپ ئۆزبېكىستان ساقچىسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تۈرمىگە تاشلانغان . ئاخىرىدا ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ چىقىپ، نورۋىگىيىدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئىدى. مۇھەممەت سالىھ ھازىر گىرمانيىدە ياشايدۇ . ئۇ يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى بەزى تەشكىلاتلاربىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ۋاشنگتونغا كەلدى . (قانات)