ئاسسىمىلياتسىيىگە يۈزلەنگەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى


2007.02.19

yulduz-osmaniwa.jpg
ئۆزبېكىستانلىق ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانىۋا. بەزىلەر يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. image courtesy: http://www.imzadi.nl/Front/Yulduz.html

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. گەرچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك كەمەيتىلگەن رەسمىي مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇلارنى قوبۇل قىلغىنى يوق.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەر تۈرلۈك بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىلا ئۇيغۇرلار رەسمىي بىر مىللىي مەدەنىيەت توپلۇقى سۇپىتىدە ئۆز باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، تىياتىر سەنئىتى، نەشىرىيات-ئاخباراتچىلىق ئەنئەنىسى ھەم باشقىلارنى ساقلىغان ۋە راۋاجلاندۇرغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن قالسا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى خېلى ياخشى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جۇمھۇرىيەتتە ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى رۇس تىلىدا، قىسمەنلىرى قىرغىز تىلىدا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

تۈركمەنىستان بىلەن تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقىچە بولۇپ، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن ئەڭ ئاز ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مەسىلىلىرى مەۋجۇت؟

بۇ سوئاللارغا تاشكەنتلىك ئانالىزچى ئەزىز كامىلوپنىڭ "ئوئازىس" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان "ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مەۋجۇتمۇ ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسى جاۋاب بېرىدۇ.

ئەزىز كامىلوپ ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەت چېگرىلىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئۆزلىرى جايلاشقان دۆلەت تەۋەلىكى بويىچە بىر-بىرىدىن پەرقلىق تەرەپلەرنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟

ئەزىز كامىلوپنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ئېتىبارەن مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئەزەلدىنلا ھۆكۈمەت ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قەشقەر بىلەن تۇتىشىدىغان پەرغانە ۋادىسىغا كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، 30-يىللاردا ئەنجاندا ئۇيغۇر تىياتىرى بولغان، تاشكەنتتە قەرەللىك ژۇرناللار، كۆپ مىقداردا كىتابلار ۋە دەرسلىك ماتېرىياللىرى نەشىر قىلىنغان ھەمدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن مەكتەپلەر تەسىس قىلىنغان، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلىگەن.

ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 –يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ياشىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان دەسلەپتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان بولسا، كېيىنچە بۇ مەركەز ئالمۇتىغا كۆچۈرۈلگەن. بىراق، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1959-يىلى ئاران 19 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان بولسا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردا بۇ جۇمھۇرىيەتتە 35 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەردى.

شۇنچىۋالا كۆپ ئۇيغۇر نەگە كەتتى؟

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس. بىراق، قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپ، 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر (قەشقەرىيىلىك) بارلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن بولسا، بۇ ساننىڭ داۋاملىق كۆپىيىشى تەبىئىي، ئۇيغۇر سىياسىيونى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ 20-ئەسرىنىڭ 20-يىللىردا تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە 700 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزبېكىستاندا ئىدى. ئۇنداقتا شۇنچىۋالا كۆپ ئۇيغۇر بۈگۈنكى كۈندە نەگە كەتتى؟

ئۆزبېكىستان مۇتەخەسسىسى ئەزىز كامىلوپ بۇنى ئىككى سەۋەبتىن چۈشەندۇرىدۇ. بىرىنچى سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە ئۆزلىكىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەرنىڭ مەدەنىيەت، تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە يېقىنلىقى مۇھىم رول ئوينىغان. ئىككىنچىدىن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلارنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلەن، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى مەجبۇرى تۈردە ئۆزبېك دەپ يېزىلىپ كەتكەن.

ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى نېمە قىلىدۇ؟

ئەزىز كامىلوپنىڭ يېزىشىچە، ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا، بۇ جەمىيەت ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك خەلقئارالىق مەدەنىيەت مەركىزى دەپ ئاتالغان ئورگانغا تەۋە بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ تەۋەلىكىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىمۇ ئىش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار پەقەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىلا ئېلىپ بارالايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تاشكەنت، ئەنجان شەھەرلىرىدە ئۆز تارماقلىرىنى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇر سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرى ئېچىپ، بالىلارغا ئۆز ئانا تىلى ئۆگىتىش، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ھەم باشقىلاردىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە سىياسىي تۈس ئېلىشقا رۇخسەت يوق

ئەزىز كامىلوپ ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدە سىياسىي تۈس ئېلىشقا رۇخسەت يوق، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى سىياسىۋىيلاشقان تەشكىلات ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى قاتتىق كۆزىتىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى 90-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقئارالىق بىرلەشمىسىنى قۇرۇش ئىشىنى قوللىيالمىغان. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەر قاداق مەتبۇئاتتا كۆرۈلىشىنى چەكلىگەن

ئۇيغۇرلار قانداق تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە؟

ئاپتور ئەزىز كامىلوپ ئۆز ماقالىسىدە كەسكىن ھالدا "نۆۋەتتىكى مەزگىلدە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ جىددىي مەسىلە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ئىبارەت، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدا تىل، مەدەنىيەت ئالاقىلىرى، ئومۇمەن ئورتاق تارىخىي مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتى بار، 35 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ خەلقنىڭ 25 مىليونلۇق خەلق ئىچىدە ئۆز تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە باشقىلىرىنى ساقلاپ قېلىشى تولىمۇ مۇرەككەپ" دەپ يېزىش بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى بۇ خىل مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ بەلكى، يەنە 20-30 يىللار ئىچىدە مەۋجۇت بولماي قېلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.