خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چېكىنگەنلەر بىر مىليوندىن ئاشتى
2005.04.22
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان "ئۇلۇغ ئىرا" گېزىتىدە "خىتاي كومپارتىيىسىگە 9 باھا" كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۆز خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى بىر - بىرلەپ پاش قىلىنغان.
خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى قوللايدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىش
شۇنىڭ بىلەن مىڭلىغان - يۈز مىڭلىغان خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى مەزكۇر پارتىيىدىن چېكىنىشكە باشلىغان. "ئۇلۇغ ئىرا" گېزىتىدە بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنگەنلەرنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن . 23 - ۋە 24 -ئاپرىل كۈنلىرى، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنى خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىشغا چاقىرماقچى بولدى .
23 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە مىڭ كىشىلىك مەدەت بېرىش يىغىنى ئېچىلىپ، مىليون كىشىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى قوللايدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى .
نيو-يوركتا نەشىر قىلىنىۋاتقان "بېيجىڭ باھارى ژورنىلى" نىڭ تەھرىرى، خىتاي دېموكراتى شۆ ۋېي ئەپەندى نيو-يوركتا ئۆتكۈزىلىدىغان بۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
" 23 - ئاپرىل كۈنى نيو-يورك قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نامايىشلار مىليونلىغان خەلقنىڭ خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيىنى يوق قىلىپ، بالدۇرراق دېموكراتىيە، ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا دۇنيادىكى 121 تەشكىلات قاتنىشىدىغان بولۇپ، نيو-يوركتىكى نامايىشقا قاتنىشىدىغان كىشىلەر سانى 5000 ئەتراپىدا مۆلچەرلەنمەكتە . 23 - ئاپرىل كۈنى مەنخاتۇن مەيدانىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىغىچە نامايىش بولىدۇ، نيو-يوركتىن باشقا يەنە، 24 - ئاپرىل كۈنى لوندۇن، سىدنى، تەي بېي، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ ئوخشاش خاراكتېرلىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ"
ئۇزۇنغا قالماي خىتايدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ
شۆ ۋېي ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا : ھازىر خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا، ئىنتېرنېت ئارقىلىق شۇنداقلا تېلېفون، فاكس، خەت ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى » خەلقئارا پارتىيىدىن چېكىنىش مەركىزى« بىلەن ئالاقىلىشىپ، پارتىيىدىن چېكىنىدىغانلار سانىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، " شۇنى ئالدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇزۇنغا قالماي خىتايدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، خىتاي كومپارتىيىسى چوقۇم گۇمران بولىدۇ، كوممۇنىزممۇ خىتايدا چوقۇم ئۈزۈل - كېسىل ئاياقلىشىدۇ. " دەپ كۆرسەتتى .
19 - ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان "خىتاي كومپارتىيىسىگە 9 باھا" مۇھاكىمە يىغىنىدا، "ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" نىڭ ئېنگلىز تىلى تەھرىرى دوكتور كالى ئەپەندى "خىتاي كومپارتىيىسىگە 9 باھا" ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا بىر مىليون كىشىنىڭ پارتىيىدىن چېكىنگەنلىكىنى كۆرگەن كوممۇنىست خىتاي قاتتىق ئەندىشىدە قالغان . شۇڭا ئۇلار دەرھال 'پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاپ قېلىش' ھەرىكىتىنى قوزغاپ، پارتىيە كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشقىدىن قەسەم بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى.
پارتىيە ئەزاسى بولۇش، بەكمۇ نۇمۇس بىر ئىش
ئامېرىكا "ئەركىنلىك سارىيى" نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارك پالمېر (MARK PALMER) ئەپەندى " گەرچە خىتاينىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالماشقان بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەلقنى ئېزىش ماھىيىتى ئۆزگەرمىدى . ئۇلار يەنىلا خالىغانچە ئادەم تۇتۇپ، ئۆكتىچىلەرنى قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" خىتايدا ھازىر مۇخبىر، يازغۇچى، ئوقۇغۇچى، دىنىيزات قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇنى زىنداندا بولۇپ، قىيىن -قىستاققا ئېلىنماقتا. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر خوڭكوڭ خەلقىنىمۇ ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىشتىن چەكلىدى. ئۇلار ھەتتا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىمۇ ئىنتايىن قاتتىق كونترول قىلىپ، ھەقىقەتنى ھەر زامان خەلقتىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە . بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل زوراۋان ھۆكۈمرانلىقىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى يەرلىك دېموكراتىك ئېقىملار بىلەن سېلىشتۇرغىنىمىزدا، بۇنىڭدىكى پەرقنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا كۆرۈۋالالايمىز. "
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۈچۇر مەركىزىنىڭ باش تەھرىرى، خىتاي دېموكراتى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى " ھازىر خىتايدا پارتىيىگە كىرىشكە ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئۆز شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن. چۈنكى خىتايدا ئەگەر سىز، پارتىيە ئەزاسى بولمىسىڭىز ھېچقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايسىز. ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى باشلىق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم پارتىيە ئەزاسى بولىشىڭىز كېرەك. لېكىن ھازىرقى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھېچقايسىدا بۇرۇنقىدەك كوممۇنىزىمغا ئىشىنىدىغان ئەھۋال يوق، ئۇلار ئۆز شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسىتىپ، " مەنچە كىشىلەرنىڭ ئويغۇنۇدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى، پارتىيە ئەزاسى بولۇش، بەكمۇ نۇمۇس بىر ئىش، چۈنكى پارتىيە ئەزاسى بولدى دېگەنلىك، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر گۇرۇھنىڭ ئەزاسى بولدى دېگەنلىك، خىتاي كومپارتىيىسى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلەت ۋە خەلققە نۇرغۇن ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، خەلق بۇنى چوقۇم تونۇپ يېتىشى كېرەك" دەپ بىلدۈردى :
كوممۇنىزىمنىڭ خىتايدا ئۇزۇنغا قالماي يوق بولىدىغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتى
ئامېرىكىدىكى "ئەركىنلىك تەتقىقات فوندى جەمىيىتى" نىڭ رەئىسى دوكتور جېك ئەپەندى كومپارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدىكى خىتايدا باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ كۈنسېرى چوڭىيىشى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ھەسسىلەپ ئۆرلىتىۋاتقانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ، كوممۇنىزىمنىڭ خىتايدا ئۇزۇنغا قالماي يوق بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
دوكتور جېك ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۆز خەلقىنىڭ كوممۇنىزىمغا ئېتىقاد قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلار، خەلقنىڭ قوزغىلىپ جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئامالىنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كومپارتىيىگە " توققۇز باھا" ۋە خىتاينىڭ كېلەچىگى
- كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنى ھەققىدە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشى
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر (2)
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر(1)
- مۇھاجىرلار ئىچىدە "كوممۇنىست پارتىيىگە باھا" پائالىيىتى بارغانسىرى چۇڭقۇرلاشماقتا
- خىتايدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن قىرغىنچىلىق (2)