ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەجبۇرى پاختا تېرىش ئەمگىكىدە


2006.09.27

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر يىللىق پاختا تېرىش مەجبۇرى ئەمگىكىگە قاتنىشىشى 1995 - يىلدىن باشلانغان بولۇپ، شۇندىن بىرى يۈز مىڭلىغائىن ئوقۇغۇچىلار كۈز مەزگىلىدىكى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش بىلەنلا ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ پاختا تېرىشقا مەجبۇرى ئېلىپ مېڭىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشچە، بۇ يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىش بىلەنلا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردىن 800 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پاختا تېرىش ھاشىرىغا ئېلىپ مېڭىلغان بولۇپ، يالغۇز يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزىدىنلا 4 مىڭ ئوقۇغۇچى پاختا تېرىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىنغان.

خەۋەردە مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۆتكەن يىللىق پاختا تېرىشقا چىققان ئوقۇغۇچىلار ئىستاتىسكىسىنى نەقىل قىلىپ، 2005 - يىلنىڭ ئۆزىدىلا 2689 مەكتەپتىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ پاختا تېرىشقا چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاختا تېرىش مەجبۇرى ئەمگىكىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش، پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەش، سىنىپ كۆچۈش، مۇكاپاتلىنىش، 3تە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇش قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋە بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپاغا چىداش، ئەمگەكنى سۆيۈش روھىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيىسىنىڭ مۇھىم ئاساسى دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما چەتئەلدە ياشاۋاتقان، بۇرۇن پاختا تېرىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بۇ خىل مەجبۇرى ئەمگەكنى ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان پاختا تېرىش ھاشىرى دەپ ئاتىماقتا.

ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان نىجات ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ پاختا تېرىشقا قاتناشقان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە تۇيغۇلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.