خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قادىر باقى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى قىلىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇرلار ھىمايە قىلىشقا مۇناسىپ ئارمىيىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر رايۇنىدا ئاتالمىش ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى قادىر باقىغا ئوخشاش بىر تىپنى كۆتۈرۈپ چىقىش خىتايلارغا زۆرۈر بولۇپ قالدى. خىتاي بۇ ئارقىلىق نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلماقتا.

ئىلگىرى خىتاي ئارمىيىسىدە خىزمەتتە بولغان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئارمىيىسى ھەققىدە توختالدى.