خىتايدا ھازىر قانۇنسىز قورال-ياراق، ئوق -دورا يامراپ كەتكەن
2006.06.14
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خىتاينىڭ قورال-ياراق ئىكىسپورتى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينى بېرما، نىپال، سودان ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كۆپ مىقداردا قورال-ياراق ئىكىسپورت قىلىپ، شۇ جايلاردا رايون خاراكتېرلىق جىددىيلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە بالايى - ئاپەت پەيدا قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. 'خىتايغا نەزەر ' دېگەن ئىنتېرنېت گېزىتىدىمۇ، خىتايدىن يۇقارقى جايلارغا ئىكىسپورت قىلغان قورال تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تېررورچى تەشكىلاتلار ۋە باشقا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچى كۈچلەرنىڭ قوراللىنىش ئەھۋالى ھەققىدە رەسىملىك خەۋەر ئېلان قىلىندى.
قانۇنسىز قورال-ياراق، ئوق -دورا پۈتۈن جەمئىيەتكە تەھدىت بولماقتا
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭ 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى "ھازىر خىتايدا قانۇنسىز قورال-ياراق ۋە ئوق -دورا يامراپ كەتتى. ھازىر پارتلىتىش، پارتلاتقۇچ دورىلارنى ئوغرىلاش، قانۇنسىز قورال -ياراق، ئوق -دورىلارنى ئېلىپ-سېتىش ۋە قوللىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر پۈتۈن جەمئىيەتكە تەھدىت بولماقتا. شۇ سەۋەبتىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى 4 ئاي ئىچىدە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ" دېگەن.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئامانلىقنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ خۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر يەر ئاستى قورال-ياراق، ئوق-دورا ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى بارغانسىرى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. ھەتتا بەزى قانۇنلۇق زاۋۇتلارمۇ جەمئىيەتتە بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقان قورال-ياراققا بولغان ئېھتىياج ۋە ئۇنىڭدىن كېلىدىغان چوڭ مەنپەئەتنى كۆزلەپ، قانۇنسىز قورال -ياراق، ئوق- دورا ئەتكەسچىلىرىنى يۇقىرىي سۈپەتلىك سەپلىمىلەر بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.
رادىئو ئىستانسىمىز مۇخبىرى شېن خۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقى خادىملىرى 'پارتلاتقۇچ ، مىلتىق، ئوق ۋە ياكى باشقا چەكلىنىدىغان ئۆتكۈر كەسكۈچلەرنىڭ قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىلىشى تۈپەيلىدىن، ھازىر خىتاينىڭ مەلۇم رايونلىرىدا جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى يۇقىرىي ئۆرلەپ، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەسىر يەتكەن. شۇ سەۋەبتىن 6 - ئايدىن باشلاپ 4 ئايغىچە قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ' دەپ جاكارلىغان.
خىتايدا قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياكى قورال-ياراق سېتىۋېلىشمۇ ئىنتايىن ئاسان
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن 18 ئاي ئىچىدە قانۇنسىز پارتلاتقۇچلار پەيدا قىلغان ھادىسىلەردە 161 ئادەم ئۆلگەن. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللاردىن كۆپ خەۋەردار بولغان 'خەلق گېزىتى' مۇخبىرى ماۋ لېي ئەپەندىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ھازىر خىتايدا قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياكى قورال-ياراق، ئوق -دورا دېگەنلەر خۇددى ۋېلىسپىتتەك كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنداق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشمۇ ئىنتايىن ئاسان، باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان. پارتلاتقۇچنى خېبېي، خېنەن يېزىلىرىدا كىشىلەر ئۆيلىرىدىلا ياسىۋالىدۇ. تاش چېقىش، يول ياساش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە پارتلاتقۇچ ئىشلىتىدۇ. ئۇنىڭ خام ماتېرىياللىرىنى ناھايىتى ئاسان تاپىدىكەن، كىشىلەر ئادەتتە خېمىيە ئوغۇت، كىر يۇيۇش پاراشۇكى ۋە ياكى باشقا بىرخىل كۆپ ئۇچرايدىغان پاراشۇكلارنى قازاندا قورۇپ ياسىۋالىدىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆزى كاپسول ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت. خىتايدا ھەر يىلى 3 مىليارد تىن ئارتۇق كاپسول ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئۇنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ناھايىتى چىڭ. ھەممە كاپسولنىڭ نۇمۇرى بار. ئەمما ماۋ لېي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن كاپسول ئۆزى پارتلاپ تۈگەيدىغان بولغاچقا، گەرچە بەزىدە ئۇنىڭ كىچىك پارچىلىرى تېپىلسا، ئۇنىڭ نەدە ئىشلەنگەنلىكىنى بىلگىلى بولسىمۇ، ئەمما بىر يۈرۈش نۇمۇرىنى بىلىۋېلىش قىيىن .
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بۇ قېتىم قوزغىتىلغان 'قاتتىق زەربە بېرىش' ھەرىكىتى ئارقىلىق يەرلىك قورال-ياراقلارنى يىغىۋېلىش مەقسەت قىلىنغان. ماۋ لېي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىيەتتىمۇ ھازىر جەمئىيەتتە ئىزلىسلا تېپىلىدىغاننىڭ 90% تىن كۆپرەكى يەرلىك مىلتىق ياكى يەرلىك پارتلاتقۇچ، ئۇنىڭ زامانىۋىيلىرى كۆپ ئەمەس. يەرلىك قورال -ياراقلارنى كىشىلەر ئۈزلىرى ياسىۋالغان، ئاتسا ئېتىلىدۇ، ئوقى يىراققا بارمايدۇ، ئەمما ئادەمنى زەخمىلەندۈرەلەيدۇ. زامانىۋىيراقلىرىنى كىشىلەر زاۋۇتتىن چىققان سەپلىمىلەر بىلەن قوراشتۇرىۋالغان. ھازىر جەمئىيەتتە بۇنداق قانۇنسىز قورال-ياراق، ئوق -دورا ياكى چەكلەنگەن ئۆتكۈر كەسكۈچلەر ناھايىتى كۆپ، ئۇنى باشقۇرىمەن دېسە، 4 ئايدا ئەمەس، 4 يىلدىمۇ باشقۇرۇپ بولغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
بېيجىڭدا جىنايى ئىشلار دېلولىرى بۇيىچە ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان جاڭ شىنشۇينىڭ ئېيتىشىچە، پەقەت جەمئىيەتتە ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئىلمىي ئىجتىمائى تۈزۈم، مۇقىم قانۇن كۆز قارىشىنىڭ بولۇشى، ئەدلى- ئادالەتنىڭ ئىشقا ئېشىشىلا جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىنى ئازايتىشى مۇمكىن. (ۋەلى)