يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ۋە سىياسىي ھاياتىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ، چەتئەللەردە تۇنۇشتۇرىۋاتقان چەتئەللىكلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
33 ياشلىق ياپونىيىلىك مۇسۇلمان تارىخچى ياسىن ئەپەندى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ، 3 يىلدىن بېرى ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا بىر تەرەپتىن بىلىم ئىگىلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتكەن. ئۇ ئۆز سۆزىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مائارىپ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ياسىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئالغان ئەمەلىي تەسىراتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ياسىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ياسىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.