0:00 / 0:00
تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تاتارلارنىڭ ۋەكىلى تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازان شەھىرىگە جەم بولۇپ، قازان شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.
تۈرك ئەللىرى ئارىسىدا سەنئەت، ئەدەبىيات مائارىپ ۋە نەشرىياتچىلىق جەھەتلەردە دۇنياغا مەشھۇر بولغان قازان شەھىرىدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ 30 دەك ئۇنۋەرسىتېتتا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىلىم تەھسىل قىلماقتا.
تۈركىيە كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تىمۇر كوچائوغلى ئەپەندى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازان شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى ۋە تاتار يېڭىچە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.