قازاقلار ئۆز دۆلىتىگە كۆچۈش ئارقىلىق مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالماقچى
2008.03.26
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ 1991 - يىلى قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى قازاقلارنىڭ ئۆز تارىخى ۋەتىنى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر پاراۋانلىق سىياسىتى چىقارغان بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە موڭغۇلىيە، ئۆزبېكىستان، خىتاي، رۇسىيە، تۈركىيە، قىرغىزىستان ۋە باشقا ئەللەردىكى قازاقلارنىڭ ئۆز تارىخىي ۋەتىنىگە قايتىپ ماكانلىشىشى توختاپ قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۇنيا قازاقلىرى قۇرۇلتىيى دەپ ئاتالغان بىر ئورگان قۇرۇپ، دائىم پۈتۈن دۇنيادىكى قازاقلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىپ قۇرۇلتاي چاقىرىپ، چەتئەللەردىكى قازاقلارنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
"ئورالمان سىياسىتى" پەقەت چەتئەل قازاقلىرىغىلا قارىتىلغان
ئالمۇتادىكى قازاقىستان مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى رۇسلان ئارزىيېۋ ئەپەندى قازاقىستاننىڭ "ئورالمان سىياسىتى" ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئورالمان دېگەن سۆزنىڭ كۆچمەن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى، پەقەت چەتئەللەردىكى قازاقلارنىڭلا بۇ سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۆز ئانا ۋەتىنىگە كېلىپ يەرلىشىش مۇمكىنچىلىكى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
رۇسلان ئارزىيېۋنىڭ قارىشىچە، نازاربايېۋنىڭ قازاقلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشتىكى مەقسىتى قازاقىستاننىڭ زېمىنىنىڭ چوڭلۇقى، قازاقلارنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن، قازاقلارنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچكەن قازاقلار ئاز نىسبەتنى ئىگىلىگەن
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1991 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە، 433 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يەنى 110 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ %59 نى ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن قازاقلار، %17.6 نى، موڭغۇلىيىدىن %9.2، تۈركمەنىستاندىن كەلگەن قازاقلار تەشكىل قىلغان.
گەرچە، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن رۇسىيە چەتئەللەردىكى قازاقلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولسىمۇ، لېكىن، بۇ يەردىن كۆچۈش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن قازاقلار %4.2 نى تەشكىل قىلغان. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر دەرنىكىنىڭ مەسئۇلى، قازاق تەتقىقاتچى ئاقمەت تۇركوز ئەپەندى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقلارنىڭ كۆچۈش نىسبىتىنىڭ ئاز بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان سۆزلىشىشلەر بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپ قازاقلارنىڭ كۆچۈشىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم ئاسانلىق يارىتىپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قوش تىللىق مائارىپى قازاقلارنىڭ كۆچۈش ئارزۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى
ئەخمەت تۈركوز ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق سىياسەت ئەلۋەتتە، قازاقلارغىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، ئىلى، تارباغاتاي، ۋە ئالتاي ھەم باشقا جايلاردىكى قازاقلارنىڭ مائارىپىمۇ خىتايچىلاشتۇرۇلۇش، قازاقلار ئۆز تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تارىخىي ئانا ۋەتىنى قازاقىستانغا كۆچۈش ئىستىكى تېخىمۇ ئاشقان. دوكتور رۇسلان ئارزىيېۋ بۇ ھەقتە قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدىمۇ شۇنداق ئىنكاسلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
قازاقىستان ھۆكۈمىتى چەتئەل قازاقلىرىنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش سىياسىتىنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پىلان دەپ ھېسابلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق زېمىنى كەڭ قازاقىستاندا قازاقلارنىڭ نوپۇسىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى سوۋېتلەر يىقىلغان دەسلەپكى چاغلاردا قازاقىستاندىكى رۇس، ئۇكرائىن قاتارلىق سىلاۋىيان مىللەتلىرى ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، نېمىس ھەم باشقا 120 مىللەتنىڭ نوپۇسى قوشۇلۇپ، %60 تىن ئېشىپ، قازاقلار ئاز سانلىققا چۈشۈپ قالغان ئىدى. نازاربايېف دۇنيا قازاقلىرى قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى قازاقلارنى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارمۇ كۆپلەپ كۆچكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە زىيالىيلار قاتلىمىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى
- د ئۇ ق ئالماتا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ يىغىن ئۆتكۈزدى (2)
- د ئۇ ق ئالماتا ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ يىغىن ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرايوفنى خاتىرىلەش
- ۋەتەنپەر ئۇيغۇر زات ھاشىر ۋاھىدىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا
- قەھرىمان غوجامبەردى : رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى
- د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراجىتى قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى
- ئالماتادا ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- ئۇيغۇر ئالىم كاممونار تالىپنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئالمائاتادا ئۆتكۈزۈلدى
- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نامايەندىسى ئابدۇللا روزى باقېيىف توغرىسىدا سۆھبەت (1)
- ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا " ناملىق كىتابتا نېمىلەر بايان قىلىنغان؟ (3)
- ئالماتادا نەشر قىلىنغان " ئۇيغۇر زېمىنىدا" ناملىق كىتاب كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى