نەزەربايىف: قازاقىستان يادرو ئىستانسىسى قۇرۇشى كېرەك
2007.04.10

قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ، قازاق تېلېۋىزىيىسىدە سىياسىي ئانالىزچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، قازاقىستاندىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات شۇنداقلا مىللىي ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
پرېزىدېنت نەزەربايىف بۇ سۆھبەتتە، قازاقىستان ئېنېرگىيە ئۈچۈن يادرو ئىستانسىسى قۇرۇشى كېرەك دېگەن. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مول تەبئىي گاز ۋە كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە قازاقىستاننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسىگە نېمە ئېھتىياجى بار دەپ سورىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن پرېزىدېنت نەزەربايىف، "بىرىنچىدىن، تەبئىي گازنى دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىشتىن خەلقئارا بازاردا سېتىش تېخىمۇ پايدىلىق بىر ئىش. ئىككىنچىدىن، ئەلۋەتتە بىز ناھايىتى مول كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە. لېكىن ئۇزۇن مۇددەتتە كۆمۈر مۇھىتقا زىيانلىق بىر ئېنېرگىيە ماددىسى دەپ تونىلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ كۆپ مىقداردا كۆمۈر ئىشلىتىشىمىز خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن"، دېگەن.
سۆھبەتتە، يادرو ئېنېرگىيىسى مەسىلىسىدە قازاقسىتاننىڭ يېتەرلىك تەجىرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پرېزىدېنت نەزەربايىف، قازاقىستان دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئۇران زاپىسىغا ئىگە بولغان بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
باياناتىدا، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈستىدىمۇ توختالغان نەزەربايىف، نۆۋەتتىكى نىشانىنىڭ قازاقىستاننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادىكى ئالدىنقى 50 دۆلەت ئارىسىغا كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ 2002 - يىلى "قازاقىستاندا ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۆلەت ياردىمىگە موھتاج كىشىلەرنىڭ سانى 1 مىليون 2 مىڭ كىشى ئىدى. بۇ يىل بۇ كىشىلەرنىڭ سانى 320 مىڭ، 340 مىڭ كىشىگە چۈشۈپ قالغان. دېمەك دۆلەت ياردىمىگە موھتاج كىشىلەر تۆت ھەسسە ئازايغان" دېگەن. قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختالغان پرېزىدېنت نەزەربايىف، يېقىندا قازاقىستاندا قازاقلار بىلەن چىچەنلەر ئوتتۇرىسىدا، ئىككى يېزىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى جىنايى ھەرىكەت دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، قازاقىستاندا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىك ۋە نەپرەت پەيدا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستان پرېزىدېنتى، قازاقىستان تېلېۋىزىيىسىدىكى باياناتىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇش ئىدىيىسىدىن تېخى ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، قازاقىستان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
باياناتىدا، قازاقىستاننىڭ سىياسىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئېھتىياتچان بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن نەزەربايىف، "شەرقتە خىتاي، شىمالدا رۇسىيە ۋە جەنۇبىمىزغا ئىسلام دۇنياسى جايلاشقان. دېموكراتىك ئىسلاھات مەسىلىسىدە بۇ رايونلاردا جىددىي بىر ھەرىكەت مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە قاراپ يول تۇتماقتا. بىزمۇ بۇ مەسىلىدە شۇنداق ئويلىشىمىز كېرەك" دېگەن.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەزەربايىف، سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى سىياسىي كرىزىسلارنى بۇلۇپمۇ، ئۇكرائىنىيىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇنى قازاقىستاندىكى سىياسىي مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئامىل قىلىپ، كۆرسەتكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر ئالماتا شەھىرىدە يېغىلىش ئۆتكۈزدى
- قازاقىستاندا سايلام جەريانىدا نامايىش قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى
- قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى
- خۇ جىنتاۋ 20 - دېكابىر كۈنى نۇرسۇلتان نەزەربايېف بىلەن كۆرۈشكەن
- قازاقىستان رۇس يېزىقىنى تاشلىۋاتمەكچى
- قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ
- نازاربايېۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى
- نۇرسۇلتان نازاربايېف 9 - ئاي ئاق ساراينى زىيارەت قىلىدۇ
- قازاقىستان پادىشاھلىق دۆلەت بولامدۇ؟