نازاربايېفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇش ئىدىيىسى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟
2007.04.30

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆتكەن ھەپتىدە قوشنا قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىپ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى ھەمدە بىر قاتار كېلىشىملەرگە قول قويدى. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان ئىكەن.
قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان ھەمكارلىقلىرى چوڭقۇرلاشماقتا
قىرغىزىستاننىڭ "قابار"ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەت رەھبىرى "قازاقىستان-قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلەر ئارا كېڭىشى "بىلەن "ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى كېڭىشى"دەپ ئاتالغان ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە ئورگان قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق مەزكۇر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
قازاقىستان رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېف "بۇ كېلىشىملەر بىزلەرنى قويۇق دەرىجىدىكى بىرلىشىش ئاساسىدا يېقىنلاشتۇرىدۇ"دەپ كۆرسەتكەن. قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى، جۈملىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى ھەمدە ئاساسىي قانۇننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن پەيىتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، قازاقىستاندىكى سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە قىرغىزىستاندىكى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئەتراپتىكى خوشنا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ۋە تىنچلاندۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان.
قىرغىزىستان رەھبىرى نازاربايېفنىڭ تەشەببۇسلىرىنى قوللىدى
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سۆھبەت جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف نازاربايېفنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ "مەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ تەشەببۇسنى قوللايمەن"دېگەن.
پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف يەنە، "مۇھىمى شۇكى، ئەگەر قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان بۇنداق ئىتتىپاققا ئاساسەن تەييار ئىكەن، دېمەك بىز ئۇنى قىلىشىمىز كېرەك، مېنىڭچە ھەممە تۆت دۆلەتنىڭ بىر پىكىرگە كېلىشىنى كۈتمەسلىكىمىز لازىم"دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان.
قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بۇنداق بىرلىكنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىۋى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەيدانى تېخى ئېنىق ئەمەس
نازاربايېف بۇنىڭدىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن بولۇپ، گەرچە، قىرغىزىستان بۇنىڭغا قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرچە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانى ئېنىق ئەمەس.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستانلىق سىياسەتشۇناس پەرھات تالىپوفنىڭ قارىشىچە، گەرچە، قىرغىزىستان بىرلىشىشكە تەييار بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان ھازىرچە بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىپ تۇرماقتا. بۇ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي كۈرەشتە ناقۇلاي ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلەن باغلىق. تاجىكىستاندا بولسا، رايوننىڭ بىرلىشىشى - بۇ پەقەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى، دېگەن قاراش بار. تۈركمەنىستاندىكى ۋەزىيەت ھازىرچە نامەلۇمدۇر.
قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان رەھبىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، قازاقىستاننىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدا قالغانلىقى، بولۇپمۇ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى تالىشىۋاتقانلىقى، شۇڭا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە، ئەگەردە مۇنداق بىر ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىپ قالسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكەتلىرىگىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇنداق بىر ئىتتىپاقتىن خىتاي ۋە رۇسىيە ئەندىشە قىلامدۇ؟
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىرلىككە كەلگەن بىر ھاكىمىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بولۇپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بۇ خىل ئىدىيىلەرنى پانتۈركىزم بىلەن باغلاپ ئىزچىل زەربە بەرگەن.
ئەگەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا خۇددىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر ئىتتىپاق شەكىللىنىپ قالسا، بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى خالىماي كەلگەن رۇسىيە ۋە خىتاي قانداق قارىشى مۇمكىن؟ دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى تەبىئىي ئەھۋال بولسا كېرەك.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت
- ئوتتۇرا ئاسىيا كىمگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ؟
- ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى
- ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ يېغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلماقچى
- ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى
- كانادا تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىندى
- قازاقىستان-قىرغىزىستان رەھبەرلىرى ئۇچراشتى