سەرسانبايېفنىڭ ئۆلۈمى قازاقىستاندا سىياسى بوران - چاپقۇن چىقاردى

0:00 / 0:00
altunbeg-qazaqistan.jpg
15-فېۋرال كۈنى ئالتۇنبېك سەرسانبايېفنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان كىشىلەر، ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈشۈپ تۇرماقتا. AFP

قازاقىستان ناغىز ئاقيول پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئالتۇنبېك سەرسانبايېفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېفنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر، پارلامېنت ئەمەلدارلىرى ۋە نازاربايېفنىڭ كۆيئوغلى راھەت ئالىيېف بىلەن قىزى دارىغا نازاربايېۋالارغا بېرىپ چېتىلدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن نازاربايېف ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا جىددىي سۈركىلىشكە يول ئېچىپ، قازاقىستاندا ئۇكرائىنىيە پاسۇنىدىكى رەڭلىك ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس، دەپ قارالماقتا.

مەتبۇئاتلاردىكى مەلۇماتلار

ئۆكتىچى گېزىتلەر پەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت نازاربايېفنىڭ چوڭ قىزى دارىغا نازاربايېۋا ۋە ئۇنىڭ ئېرى راھەت ئالىيېفلارنى سەرسانبايېفنىڭ 11 - فېۋرالدا ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ ئەيىبلىدى.

قازاقىستاندا چىقىدىغان "ئاينا" ھەپتىلىك گېزىتى پەيشەنبە كۈنكى سانىنىڭ باش بېتىگە "ئۇ كىشى راھەت ئالىيېف" دەپ ماۋزۇ قويغان. "ئاينا" ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قاتىلنى راھەت ئالىيېف كۈشكۈرتكەن بولۇشى مۇمكىن.

رۇس تىلىدا چىقىدىغان "سۋوبودا سلوۋا" گېزىتى راھەت ئالىيېف بىلەن دارىغا نازاربايېۋانىڭ سەرسانبايېفقا نىسبەتەن "شەخسىي ئۆچمەنلىكى" بار، دەپ يازدى. دارىغا نازاربايېۋا ئۆز نۆۋىتىدە قازاقىستان ئاسار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، قازاقىستان پارلامېنت ئەزاسى ۋە مەتبۇئات دوكارى بولۇش بىلەن بىرگە، ئېرى راھەت ئالىيېف نازاربايېف ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىدى.

"سۋوبودا سلوۋا" گېزىتى، دارىغالار "سەرسانبايېف جىنايىتى" بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىسپاتلىشى ۋە "ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى سىياسەتچىلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى جازالاشنى توختىتىشى كېرەك" دەيدۇ.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئىنكاسلار

ئالتۇنبېك سەرسانبايېفنىڭ جەسىتى 12 - فېۋرال كۈنى ئالماتا شەھەر سىرتىدىكى بىر كوچا ياقىسىدا بايقالغاندىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيىلەر ھۆكۈمەتنى بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا قولى بار، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى سەرسانبايېفنى "بىز ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان كىشى ئىدى" دەپ بايانات ئېلان قىلغان. ئەمما نازاربايېف ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى "ئىسيان كۆتىرىشكە جامائەت پىكىرى تەييارلاش" بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ساقچىلار چاشەنبە كۈنى قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 5 نەپەر خادىمى بىلەن قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ مەمۇرى باشقارما مۇدىرى ئېرجان ئۇتانبايېفنى ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قولغا ئالدى. بۇ ۋەقە مۇناسىۋتى بىلەن قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نارتاي دۇتبايېف چارشەنبە كۈنى ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۇجۇمى دۇتبايېفنىڭ ئىستىپاسى بىلەن توختىمىدى.

ئۆكتىچىلەر ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى

قازاقىستان ئادالەت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى جارماقان تۇياقبايېف، ئۇتانبايېفنىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى بۇ سىياسىي جىنايەتنىڭ يىپ ئۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغىچە تۇتۇشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، دەيدۇ. ئۇ، قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى نۇرتاي ئابىكايېفنىڭ دەرھال ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، چۈنكى بۇ ئىش ئۇتانبايېفنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. ئۆكتىچىلەرنىڭ يەنە بىر رەھبىرى ئوراز جاندوسوف " بىز ئابىكايېف دەرھال ئىسپا بېرىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. چۈنكى ئۇنىڭ تەكشۈرۈشكە بىۋاستە ياكى ۋاسىتىلىق تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بار" دەيدۇ.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۇجۇمى ئالدىدا دارىغا نازاربايېۋا ئۆزىنى ئاقلاش تەرىپىگە ئۆتتى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ پەيشەنبە كۈنى سەرسانبايېف ۋەقەسىنى " تەسىر كۈچى ناھايىتى زور كۈچلەر" تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنتقا "ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك پىلانلانغان ۋەقە" دەپ ئاتىغان. ئەمما ئۇ "تەسىر كۈچى زور بۇ كۈچلەر" نىڭ ئىسمىنى ئاتىمىدى. دارىغا نازاربايېۋا، "بۇ كۈچلەرنىڭ مەقسىتى دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، پرېزىدېنت ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنى جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا چارىسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش" دەيدۇ.

ئازراق تارىخ

2001 - يىلى قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىكى سەرسانبايېفنى قوللايدىغان بەزى ئەمەلدارلار راھەت ئالىيېفنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىنى نازاربايېفغا سۇنغان. ئەمما نازاربايېف، ئالىيېفنى قازاقىستاننىڭ ۋىئانادىكى باش ئەلچىسى قىلىپ يولغا سېلىش بىلەن بىرگە ئالىيېفنىڭ پىلانىنى قوللىغان ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. سەرسانبايېفنىڭ شۇ قاتاردا ۋەزىپىسى تۆۋەنلىتىلگەن ئىدى. شۇ چاغدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئەمەلدارلار ھازىر قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلماقتا.

سەرسانبايېفنىڭ ئۆلۈمى ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ 3 ئاي ئىچىدە 2 - قېتىم ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2005 - يىلى 11 - ئايدا ئالماتا ئوبلاستىنىڭ ۋالىسى، قازاقىستان جىددىي ھالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى زامانبېك نۇرقادىلوفنىڭ جەسىدى ئائىلىسىدە تېپىلغان. ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى "ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان " دەپ ئېلان قىلدى. پرېزىدېنت نازاربايېف، 16 يىلدىن بېرى قازاقىستانغا رەھبەرلىك قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى، دىكتاتۇرلۇققا يۈزلەنمەكتە، دەپ ئەيىبلىنىشكە باشلىدى. بۇ قېتىم " سەرسانبايېف ۋەقەسى" ئۇنىڭ ئۈچۈن ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش - قالالماسلىقىدىكى بىر سىناق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. (ئەركىن)